ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى شىگاۋ، رېن گولياڭ خەۋىرى، فوتوسى. «پىيادىلەر يولىدا مېڭىڭ»، «قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىڭ»... يېقىندا، شىخۇ شەھىرىدىكى كوچىلاردا قارا كۆزئەينەك تاقىغان، خۇرۇم ئۆتۈك كىيگەن، توكلۇق موتوسىكلىت مىنگەن ئايال قاتناش ساقچىلىرى خىزمەت ئۆتىدى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ جۈن: «بۇ مېنىڭ شىخۇغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، ئاساسلىقى ساياھەت قىلغىلى كەلدىم، ئالدىنقى قېتىملىق ساياھەت بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئەڭ چوڭ پەرق كوچىلاردا چىرايلىق ئايال ساقچىلىرى ئۇچراپ تۇردى، شەھەر يول قاتناش تەرتىپىمۇ ئىلگىرىكىدىن خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ، شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئوبرازى تېخىمۇ ياخشىلىنىپتۇ» دېدى.
بۇ ئايال قاتناش ساقچىلىرىنىڭ گۈزەل سىرتقى قىياپىتى ئارقىسىغا ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى يوشۇرۇنغان. شەھەر قاتنىشى ئايال ساقچىلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى پاتىمە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنى شەھەرنىڭ ئىسىم كارتىسىدەك ھېس قىلىمەن، بىز ھەر كۈنى باشقىلاردىن يېرىم سائەت بالدۇر تۇرۇپ، سۇس گىرىم قىلىمىز، بۇ بىر جەھەتتىن قىزلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، يەنە بىر جەھەتتىن، كۆپچىلىكنىڭ ئوبرازىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئويلايمىز، كىشىلەرگە قاتناش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغىنىمىزدىمۇ يېقىملىق كۆرۈنىمىز، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىز يەنە قاتناش قول ئىشارىتى، تاشقى قىياپەت تەربىيەلەشلىرىگە قاتنىشىمىز، قانداقلا بولمىسۇن بىز بۇ شەھەرنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىمىز».
ئىگىلىنىشىچە، ئايال قاتناش ساقچىلىرى ئوتتۇرا ئەترىتى 2018-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش ئىكەن. ئاساسلىقى شەھەر يوللىرىنى چارلاش، قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش، مەدەنىيەتسىز قاتناش قىلمىشلىرىغا نەسىھەت قىلىش، توكلۇق قاتناش قوراللىرى، موتوسىكلىت باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئۇلار خىزمەتتە ئاياللارنىڭ يېقىملىقلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەقىلگە مۇۋاپىق، سىلىق، مەدەنىيەتلىك، قېلىپلاشقان» قانۇن ئىجرا قىلىش ئېلاستىكىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن كىشىلەرنى ئويلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى جانلىق بىرىكتۈرۈپ، «ئادەمنى ئاساس قىلغان» خىزمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش مەجبۇرلاش كۈچىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، قارىمۇقارشى تەرەپلەرنى كىچىكلىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى جانلىق بىرىكتۈرىدىكەن.