مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئاپتوموبىل تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى تۈنۈگۈن 2018-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل باھالاش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل باھالىشى دېگىنىمىز ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنىڭ پۈتۈن ئىشلىتىلىش دەۋرى ئىچىدە، ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنىڭ شاۋقۇن، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى بويىچە ئېلىپ بارغان ئۇنىۋېرسال باھالىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو ئاپتوموبىل مەركىزى ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپىنى باھالىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئىپادىسى ياخشى بولغان. 2017-يىلىغىچە، جۇڭگو ئاپتوموبىل تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى جەمئىي 19 ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ 26 خىل ئاپتوموبىل تىپىنى باھالىغان بولۇپ، بۇ باھالاش سىستېمىسى كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جۇڭگو ئاپتوموبىل تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل باھالاش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەسىلەن: قالدۇق گاز چىقىرىشنى باھالاش جەھەتتە، ئەسلىدىكى «گوۋۇيۈەننىڭ بەش تۈرلۈك» گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى دەرىجىسىنى «گوۋۇيۈەننىڭ ئالتە تۈرلۈك» گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە ئۆستۈردى، بۇ ئاپتوموبىل قويۇپ بېرىدىغان قالدۇق گازنى %40 تىن %50 ئەتراپىدا ئازلىتىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، جۇڭگو ئاپتوموبىل تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىردىكى توك سەرپىياتى، يۈرۈش مۇساپىسى، باتارىيەنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باھالاش قائىدىسىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلان قىلىدىكەن.