ئۆز خەۋىرىمىز: نارىن يايلىقى قابا ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى ئىچكىرى تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 130 كىلومېتىر يىراقلىقتا، جەنۇبىنىڭ قابا كەنتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 23 كىلومېتىر، شەرق قىسمىنىڭ قوش كۆل بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. نارىن يايلىقى تىپىك ئېگىز تاغ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، يايلاقنىڭ ئوت-چۆپلىرى مول، سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى سالقىن بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل.
نارىن يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى قوغدالغان بولۇپ، ياپيېشىل يايلاق، تاتلىق دەريا سۈيى، ساپ ھاۋاسى چارۋىچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ھەر يىلى 6-ئاي، قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئېگىز تاغ چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچىدىغان مەزگىلى بولۇپ، چارۋىچىلار پادىلارنى ھەيدەپ ھەيۋەتلىك كۆچۈش سەپىرىنى باشلايدۇ.
(ۋېي زىيۈن، جاڭ جىنشەن فوتوسى)