ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ تاۋۇز يېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك.
تاۋۇز يازدا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى راستىنلا تاۋۇز پىچىشنى بىلىمەن دەپ قارامسىز؟
ئەمەلىيەتتە بىر تال چوكا بىلەن تاۋۇزنى تېز ھەم كۆركەم پىچقىلى بولىدۇ، مۇھىمى تاۋۇزنىڭ سۈيى ئېقىپ كەتمەيدۇ.
تاۋۇز پىچقاندا سۈيىنى ئاققۇزىۋەتمەسلىكنىڭ ئۇسۇلى
بىرىنچى باسقۇچ: تاۋۇزنىڭ ساپىقى بار ئورۇنغا بىر تال چوكا سانجىپ كىرگۈزىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ: چوكىنى تاۋۇزغا 7 ياكى 8 سانتىمېتر ئۇزۇنلۇقتا سانجىپ كىرگۈزگەندىن كېيىن چوكىنى يىنىك ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن چوكىنى تارتىۋالىمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ: پىچاقنى تاۋۇزنىڭ يولىنى بويلاپ پىچقاندا، تاۋۇز يېرىلىپ كەتمەيدۇ ھەم سۈيى ئېقىپ كەتمەيدۇ.
تاۋۇزغا چوكا سانجىشنىڭ پىرىنسىپى ئىنتايىن ئاددىي، يەنى چوكا سانجىش ئارقىلىق تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى بېسىم ۋە سىرتقى يۈز كېرىلىش كۈچىنى ئالدىن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇل بىلەن تاۋۇز پىچقاندا تاۋۇز ئاسان يېرىلىپ، سۈيى ئېقىپ كەتمەيدۇ.