تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پارتىيەنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

ـــــ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن خۇي

   ھەيۋەتلىك مۇساپە يول باشلىغۇچى كۈچكە موھتاج.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بارلىق پائالىيەتكە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

   بىر قەيسەر، كۈچلۈك پارتىيە بىر سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتنى يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ شەرقىدە مەردانە قەد كۆتۈرگۈزدى.

   بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن مۇقەررەر يول ــــــــــــ

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى، جان تومۇرى، شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى

   2017 – يىلى ئالتۇن كۈز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق، مەردانە سۆزى خەلق سارىيىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى: ‹‹يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش...››.

   ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش››تىن ‹‹پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش››كىچە، بىرنەچچە سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى، رولى توغرىسىدا بىر قاتار زور ھۆكۈملەرنى چىقاردى:

    ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ››؛

   ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساھەلىرىدە، ھەر يەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ››؛

    ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت››؛

   ...

   باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىدە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلىشىنى، باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن

   2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيى.

   مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى›› ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى›› دېگەن مەزمۇن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى بولمىغان بولاتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلساق، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كېتىمىز.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى، جان تومۇرى، شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى. سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىشىمىز زۆرۈرلۈكىنى بەلگىلىگەن.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش نوپۇزلۇق بىر رەھبەرلىك يادروسىنى تىكلەشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ۋە قائىدە  

   بۇ بىر تارىخىي پەيت: 2016 – يىلى 10 – ئاي، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   بىر پارتىيە، بىر دۆلەتتە، رەھبەرلىك يادروسى ئىنتايىن مۇھىم.

   89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم.

   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، نوپۇزى بولغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى   

   2015– يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن ھەممەيلەننىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

   شۇ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن بىر كۈن يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، بۇ پۈتۈن پارتىيەدە مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت ئىزچىللاشتۇردى.

   مەركەز يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدىن مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىغىچە، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىغىچە، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدىن مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   بۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئەڭ يۈكسەك يول ـــــــــــ

     پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىيلىق جەھەتتە چېنىقىش جەريانىدا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسقا، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە قىلدى

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن زور سىناق.

   پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى، رەھبەرلىك ئورنى قۇرۇلغان چاغدىلا بولغان ئەمەس، شۇنداقلا ئاسان قولغا كەلگەنمۇ ئەمەس. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ بوش، چېچىلاڭغۇ، ئاجىز بولۇش ئەھۋالىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، سىياسىي جەھەتتىكى يىراقنى كۆرەرلىك ۋە قەيسەر ئىرادە بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ تاۋلاپ چىقتى.

   سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش  

   بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنۇشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللاندى: ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان››نى ئېلان قىلدى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، جايلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشنى كۈچەيتتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى...

   قائىدە – تۈزۈملەر ئېنىق بېكىتىلدى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولدى. جايلار، ئورۇنلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ھىمايە قىلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

   پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلەش

   2017– يىلى 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغىنىغا بىر ھەپتە بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى: ‹‹مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن›› دېگەن جاراڭلىق سادا زالدا ياڭرىدى.

   بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ سىياسىي ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشتىكى تەنتەنىلىك خىتابى، شۇنداقلا بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىش ھېسابلىنىدۇ.

   ئادەمدە روھ بولمىسا قەددىنى رۇسلىيالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ، پارتىيەدە روھ بولمىسا گۈللىنەلمەيدۇ. 97 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزدە بىر خىل ئېتىقاد ۋە غايە بولغاچقىلا، ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلىدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى  كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي جېنى، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسىنى ئارقا – ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، ‹‹كالتسىي تولۇقلاپ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ›› ئاساسنى پۇختىلىدى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ غايە – ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيەۋىلىكى تېخىمۇ كۈچەيدى.

   ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك ئورگانىزمىنى تاۋلاش

   2018– يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈن، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – تۈركۈمدىكى كۆزىتىش خىزمىتىدە 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 30 جاي، ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ئورۇنلىشىپ، مەركەزنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

   كۆزىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تېز قانات يايدۇرۇلۇشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە مەقسىتىنى نامايان قىلدى.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، قەتئىي نىيەت، كۈچلۈك ئىرادە، مىسلىسىز سالماق بىلەن پارتىيەنى باشقۇردى ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلدى.

   18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قارىساق، گۇرۇپپا – گۇرۇپپا زور سانلىق مەلۇماتلار پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سالمىقىنى نامايان قىلىدۇ:

   بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن جەمئىي 189 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، پارتىيەلىك كادىردىن 256 مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى؛

  2014– يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 7020 ئورۇننىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)ى، پارتىيە باش ياچېيكىسى، پارتىيە ياچېيكىسى، 430 ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) ۋە 65 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى؛

   بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىر ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كادىردىن 440ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى؛

   ...

   پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىلچە بوشاشتۇرۇلمىدى، قەدەم توختاپ قالمىدى، قايتا يۈرۈش قىلىندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 13كە يەتكەن. 2018 – يىلىدىن بۇيان، تاكى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 18 مىڭ 985ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 27 مىڭ 99 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 19 مىڭ 227 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

   ئىستىل توغرىلىنىپ، ئىنتىزام چىڭىتىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇلۇپ، رەزىللىك جازالاندى. قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن پارتىيە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

   ھەيۋەتلىك دولقۇندا قورام تاشنىڭ رولى نامايان بولىدۇ، قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا ئاساسىي چوققا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەدبىر، يېڭى تەلەپلەر پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ تاۋلىدى:

   پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يەنىمۇ تەكىتلەندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 90دىن ئارتۇق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ، نىزام بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى؛

   ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قاتتىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى پۇختا، ياخشى ئىشلەندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى؛

   يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر  –  ھەر يەردىن بولۇش،  ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل – دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ياخشى كادىر ئۆلچىمى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى...

   نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەندىلا، پولاتتەك تاۋلانغىلى بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ھەربىر قېتىم ئۆزى ئۈستىدە ئىنقلاب قىلىشى ئاددىي ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئوڭشىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئىچىدىن – سىرتىغىچە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ياساپ، ئوبرازىنى يېڭىباشتىن تىكلىشىدۇر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلابىيلىق جەھەتتە چېنىقىش جەريانىدا يېڭى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسقا، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

   بۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇغا يەتكۈزىدىغان پارلاق يول ـــــــــ

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق چوڭ پاراخوتنى غەلىبىسېرى پارلاق مەنزىلگە باشلىدى

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 97 يىللىق بوران – چاپقۇن ۋە جەبىر – جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، باشتىن – ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان سالاپىتىنى تىكلىدى.

   97 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن ئوي – پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن پاراخوتنى باشلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.  

   جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان يىمىرىلمەس كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

   2018– يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوكلات زالى ئادەملەرگە لىق تولغانىدى.
      
   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىن زالىدىكى يېڭىدىن مەركىزىي كومىتېتقا كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئالدىدا قىلغان سۆزى ھەممەيلەننى چوڭقۇر ئويلاندۇردى: ‹‹ھازىر، دۆلىتىمىز ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، قانچە نەتىجە قازانغانسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاشتەك كۈلپەت ئېڭىدا بولۇشىمىز، ئىستراتېگىيەلىك، ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېردىكى خاتالىقلارنى قەتئىي سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك››.

   ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ، سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپلا قالماي، يەنە قابىلىيەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ بەلگىلىگەن.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تۇتۇشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

   مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەش، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 49 قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، ئۆگىنىش مەزمۇنى پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلدى؛

   ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى بىر يۈرۈش تۈزۈملەشكەن، سىستېمىلاشقان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلدى؛

   بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چۈشىنىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈردى...

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە مەردانە قەدەم بىلەن ئاتلاندى.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى

   2018– يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر كۆپچىلىكنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

   ‹‹گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى›› دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەتتە كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز يەرنى قوغداش جېڭىنى نۇقتىلىق ياخشى قىلىش تەكىتلىنىپ، بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىشتىكى قەتئىي نىيەت ۋە كۈچلۈك ئىرادە ئىپادىلەندى. كىشىلەر پىكىردە مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلىپ، ‹‹پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش›› تەكىتلىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، زور قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەردىن غالىب كېلىشتىكى ‹‹ئاچقۇچ››.

   غەلىبىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، قىيىنچىلىق شۇنچە كۆپىيىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ بولغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنىلا ئاز ئەمەس.

   دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، ‹‹نامراتلار ئىچىدىكى نامرات››تىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى 30 مىليوندىن كۆپرەك نامراتلىق قورغىنى تېخى ئېلىنمىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن...

   خەلقئاراغا نەزەر سالساق، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، چىگىش بولماقتا، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈردى، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ...

   بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئارزۇغا ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئەزەلدىن بۇنداق زور قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىپ باقمىغان.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرساقلا ۋە ئۇنى كۈچەيتسەكلا، بىز ئاندىن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان يۆلەنچۈككە ئىگە بولالايمىز، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايمىز ۋە مۇجەسسەملىيەلەيمىز، مۈشكۈل، شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى تاماملىيالايمىز، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.

   پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ‹‹جۇڭگو›› ناملىق چوڭ پاراخوتنىڭ چەكسىز دېڭىزدا ئىلگىرىلىشىگە يول باشلايدۇ.

   تومۇز يازدىكى كۆپكۆك خەينەن دېڭىزى يېنىك دولقۇنلاپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى، خەينەندىكى بارلىق كادىرلار، ئامما ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.    

   خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىغا 30 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا يېڭىدىن زور مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ يۈكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

   ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى پىلانلاشتىن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان، داغدۇغىلىق بولغان بىر قاتار يېڭى ئەمەلىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلىسىز پارلاق مەنزىرىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي چىڭ تۇرساق ۋە ئۇنى كۈچەيتسەك، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق چوڭ پاراخوت بوران – چاپقۇنغا قارىماي، چەكسىز دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق مەنزىلگە غەلىبىلىك يېتىپ بارالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 5  – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى