تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە مېۋىلەر ياخشى سېتىلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى:  6-ئاينىڭ 20-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ بۇرچىن بازىرى چىگىتاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى چۇ يەنلىكنىڭ ئۈندىدارىغا توختىماستىن ئۇچۇر كېلىۋاتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن «مېۋىلەرنىڭ ئۈندىداردا بۇنداق سودا تېپىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى.

  چىگىتاي كەنتى تىپىك يېزا ئىگىلىك كەنتى، بۇ يەردە كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ كۆكتات بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ نەچچە يىلدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، كەنتتىكى نۇرغۇن ئاھالە پارنىكتا مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشنى باشلىدى.

  چىگىتاي كەنتىدىكى مېۋە پارنىكلىرىغا قارايدىغان بولساق، ساپاق-ساپاقلاپ مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئۈزۈملەر، خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلىدىغان باشقا مېۋە-چېۋىلەر كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتاتتى. نۇرغۇن خېرىدارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن دېھقانلار خۇشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالماي قالدى.

  گې چىن كەنتتىكى پارنىكتا مېۋە تېرىغان تۇنجى كىشى بولۇپ، ئۈچ مېۋە پارنىكىدا ئۈزۈم، ئاپېلىسىن، ئۆرۈك ئۆستۈردى. ئىلگىرى، ئۇنىڭ مېۋە يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن ۋە سېتىلىش يوللىرى تار بولغانلىقتىن، مېۋىلىرى تولۇق سېتىلماي سېسىپ كېتەتتى.

  بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى چېگىتاي كەنتىگە كەلگەندىن باشلاپ، بۇرچىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر گې چىن قاتارلىق دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ، تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلدى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلدى، مېۋە كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى، زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلاش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى، «تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش رېتسىپى» ئېچىپ، مېۋىلەرنىڭ ئەي بولۇشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىگىتاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ مېۋىسىنى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەتراپىدىكى دوستلىرىنى ھەرىكەتكە كەلدۈرۈپ، ئۈندىدار توپلىرىنى قۇرۇپ، تونۇش-بىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى توپلارغا قوشۇپ، سودا يوللىرىنى كېڭەيتتى. توپتىكىلەر دېھقانلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئۈزۈم سېتىۋالغانلار ئۈزۈملىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى توپقا يوللاپ، كىشىلەرنى قىزىقتۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە مېۋىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى، ۋېدىيولىرىنى، باھالىرىنى تەپسىلىي توپقا يوللاپ، زاكاز چۈشۈرۈپ سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندى، يەنە تېخى ساياھەت باس-باس پەسلىدىن پايدىلىنىپ، مېۋە-چېۋىلەرنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈستىلىگە كەلتۈردى.

    ــ بۇ يىل پارنىكتىكى ئۈزۈملەردىن مول ھوسۇل ئالدۇق، دوستلىرىمىزنىڭ تارقىتىشى بىلەن ئۈزۈملىرىمىز ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندى، ھەر كۈنى نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇۋالىمىز، ھازىر خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىزگە يەنە ئۈندىدار ئويناشنى ئۆگىتىپ قويدى، ئۇزۇنغا قالماي مەنمۇ ئۈندىداردا مېۋە ساتىمەن ،- دېدى گې چىن.

   گې چىن بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە ئۈچ پارنىك سېلىپ، خۇڭيۇ، مىيۇ، مايمۇن شاپتۇلى، خولۇڭگو قاتارلىق مېۋە كۆچەتلىرىنى ئۆستۈردى، نۆۋەتتە مېۋە دەرەخلىرى ياخشى ئەي بولۇپ، يىللىق كىرىم 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  گې چىننىڭ پارنىكلىرىدىكى مېۋىلىرىنىڭ بازار تاپقانلىقىنى كۆرگەن 42 ياشلىق لى چۈەنجياڭمۇ سىناپ باققۇسى كەلدى.

  ـــ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە پارنىكتا مېۋە تېرىش خىيالىمنى ئېيتتىم، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇنى قوللىدى، ئۇلار ماڭا تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى، ماڭا تېخنىكىلىق ماھارەت ئۆگەتتى، تېخى يەنە مېۋىلىرىمنى سېتىشىپ بېرىدىغان بولدى، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن مەن يەنە ئىككى پارنىك سالدىم، بۆلجۈرگەن، شاپتۇل، ئۆرۈك ئۆستۈردۈم ، ـ دېدى لى چۈەنجياڭ.

  ــ كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە دېھقانلارغا توردا سودىلىشىشنى ئۆگىتىپ، سېتىش يولىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ،- دېدى چۇ يەنلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ