تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باتارىيەسى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىدۇ

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تورى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش، مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» (قىسقارتىلىپ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارىيەنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دېيىلدى) نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، «تاشيول موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلات ئېلانى»غا يېڭىدىن ئېرىشكەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى ۋە مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئىسپات بېرىشكە يېڭىدىن ئېرىشكەن ئىمپورت قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلاپ مەنبەدىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باتارىيە مەھسۇلاتلىرىدىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش ئىز قوغلاپ مەنبەدىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كۆرسىتىلدى.

   «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارىيەنى باشقۇرۇش بەلگىلىمە» سىدە «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ۋاقىتلىق چارىسى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرلەشمە [2018] 43-نومۇرلۇق) نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، <يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دۆلەت كۆزىتىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سۇپىسى> نى قۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ساقلىنىدىغان باتارىيەنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش، براك قىلىش، يىغىۋېلىش، پايدىلىنىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانغا قارىتا ئۇچۇر توپلاش، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى سۇبيېكىتلارنىڭ يىغىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى؛ ھەمدە «ئاپتوموبىل ئشلەپچىقىرىش، باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش، براك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىپ چۇۋۇش شۇنداقلا كارخانىلار قۇرغان ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىز قوغلاپ يىغىۋېلىنغان ئۇچۇرنىڭ توغرا، ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

   ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئىمپورت قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا قارىتا، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارىيەنى باشقۇرۇش بەلگىلىمە»سىنىڭ 4-ماددىسىدا «ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى (ئىمپورت سودىگىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئىمپورت قىلىنغان ئەمما ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلمىگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى مەزكۇر بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇپ 12 ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئىز قوغلاش ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا تولۇقلاپ يەتكۈزۈشى كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى.

   «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارىيەنى باشقۇرۇش بەلگىلىمە»سى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باتارىيەسىنى رىمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش ھەمدە يىغىۋېلىش قاتارلىقلارغا قارىتا تەپسىلىي قائىدە چىقاردى. 10-ماددىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان رىمونت قىلىش سودىگەرلىرى، باتارىيە ئىجارە كارخانىلىرى قاتارلىقلار ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى رېمونت قىلىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ئۇچۇرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى رىمونت قىلىپ، ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىز قوغلاش ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك». 11-ماددىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «يىغىۋېلىش مۇلازىمەت تور نۇقتىسى كېرەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىپ، ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ئۇچۇرنى يوللىشى كېرەك. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كېرەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈپ شۇنداقلا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئامباردىن چىقىرىپ بولغاندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۇچۇرنى يوللىشى كېرەك».

   براك قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارىيەنى باشقۇرۇش بەلگىلىمە»سىنىڭ 13-ماددىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «براك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش كارخانىلىرى براك قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىپ ھەمدە «براك قىلىنغان ئاپتوموبىلنى يىغىۋېلىش ئىسپاتى» نى چىقارغاندىن كېيىنكى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۇچۇرنى يوللىشى كېرەك؛ ھەمدە 15-ماددىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «قايتا ھاسىل قىلىپ پايدىلىنىش كارخانىلىرى كېرەكسىز، كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش باتارىيەسىنى يىغىۋېلىپ ئامبارغا كىرگۈزگەندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۇچۇرنى يوللىشى؛ قايتا ھاسىل قىلىپ پايدىلىنىش ۋە ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش تاماملانغاندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۇچۇرنى يوللىشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ