قورساقنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئاياللار بۇ تۆت خىل كىيىمنى كىيمەسلىكى كېرەك.
بىرىنچى، سۇس رەڭلىك ئۈستى كىيىم
ئۈستى بەدىنى قوپالراق ئاياللار ئاق رەڭلىك ئۈستى كىيىم كىيمەسلىكى كېرەك. سۇس رەڭلىك كىيىملەر بەدەننى ئىششىپ قالغاندەك كۆرسىتىپ قويىدىغان بولغاچقا، سېمىز، قورسىقى چىقىپ قالغان ئاياللارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
قورسىقى چىقىپ قالغان، سېمىز ئاياللارنىڭ كىيىشىگە ماس كېلىدىغان كىيىم: قارا ياكى قېنىق رەڭلىك ئۈستى كىيىم.
قېنىق رەڭلىك كىيىم نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدىغان بولغاچقا، بەدەننى ئورۇق كۆرسىتىدۇ. ئەگەر يان تەرەپتىن قارىمىسا قورساقنىڭ چىقىپ قالغانلىقى بىلىنمەيدۇ.
ئىككىنچى، چوڭ گۈل، سۈرەتلەر بېسىلغان كىيىملەر
چوڭ گۈللۈك، سۈرەتلىك كىيىملەر گاھىدا بىر لوپا ئەينەككە ئوخشاش بەدەن شەكلىكىڭىزنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدۇ.
سېمىز ئاياللارنىڭ كىيىشىگە ماس كېلىدىغان گۈللۈك كىيىم: كۆكرەك قىسمى كەشتىلەنگەن، ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان گۈللۈك كىيىملەر
كۆكرەك قىسمىدا كىچىك سۈرەتلەر، ئاددىي گۈللەر بار كىيىملەرنى قورسىقى چىقىپ قالغان ئاياللار خاتىرجەم كىيسە بولىدۇ.
ئۇزۇنراق كوپتا ياكى مايكا
كۆپىنچە كىشىلەر سېمىز ئاياللار ئۇزۇنراق كوپتا (ياكى مايكا) كىيىشكە ماس كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇزۇنراق كەلگەن كوپتا ئەگەر كەڭ بولسا، كۆكرەكتىن يانپاشقىچە بولغان قىسىمنى ئىنتايىن سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ.
سېمىز ئاياللار كىيىشكە ماس كېلىدىغان كىيىم: كوپتا
كوپتىنىڭ مۈرە قىسمىنىڭ لايىھەسى، ئادەمنى ئىنتايىن ئورۇق كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كوپتىنىڭ بەل ۋە كۆكرەك قىسىمىنىڭ لايىھەسى كۆكرەكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەلنى ئورۇق، قورساقنى كىچىك كۆرسىتىدۇ.
يانپاشنى چىڭ ئوراپ تۇرىدىغان كۆڭلەك
بۇ خىل نۇسخىدىكى كۆڭلەكنى ھەتتا ئورۇق كىشىلەر كىيسىمۇ قورسىقىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆپرەك تاماق يېيىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.
سېمىز ئاياللارنىڭ كىيىشىگە ماس كېلىدىغان كىيىم: يانپاشنى ئوراپ تۇرىدىغان يوپكا
يانپاشنى ئوراپ تۇرىدىغان كۆڭلەككە قارىغاندا يانپاشنى ئوراپ تۇرىدىغان يوپكا كىيسە بەدەن ئانچە سېمىز كۆرۈنمەيدۇ.
سېمىز ئاياللار تۈز چۈشكەن يوپكا كىيىشكە ماس كەلمەيدۇ.