تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرايلى

ـــــ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ جەم قىلىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. بۇ مۇھىم بايان پارتىيەمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا قوشۇلغان ئىجادىي تۆھپە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.  

   ئىشلار ئادەم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. توغرا سىياسىي لۇشيەنگە توغرا تەشكىلىي لۇشيەنگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز ئەزەلدىن تەشكىلىي لۇشيەننىڭ سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىشىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيە پىروگراممىسىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇش پىرىنسىپى بەلگىلەنگەندىن تارتىپ، پارتىيە 6 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹تەشكىلىي لۇشيەن›› ئۇقۇمى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغۇچە، 1938 – يىلى يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹سىياسىي لۇشيەن بەلگىلەنگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل›› دەپ كۆرسەتكەن ھەم ‹‹ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك›› كادىرلار ئۆلچىمى ۋە ‹‹ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش››تەك كادىرلار لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كادىرلارنىڭ ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان بولۇشىنى تەكىتلەشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ كادىرلار قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، زىيالىيلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپ. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى قوزغاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. ‹‹تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىشلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ››. يېڭى تارىخىي پەللىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

   يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەقىقىي بىلىپ ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، پۇختا ئىگىلىشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش، پەزىلىتى ۋە ئىستىلىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەرنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى كۆزلەپ ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈش كېرەك. تەشكىلات خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىجادچان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

   يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، باش رولنى ياخشى ئېلىپ، ھەر بىر سەپ، ھەر بىر ساھە، ھەر بىر ھالقىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت، چوڭقۇر تۇتۇشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ‹‹سىياسىينى تەكىتلەيدىغان، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كەسىپكە ماھىر، ئىستىلى ياخشى›› ئۈلگىلىك تارماقلارنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى، ئىدىيەۋى تەپەككۇرى، خىزمەت مېخانىزمى، ئىقتىدار سەۋىيەسى، روھىي ھالىتى، خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن يېڭى دەۋر تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)   
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ