ئاۋدرېي خېپبۇرن «تېففەنىينىڭ ناشتىلىقى» ناملىق فىلىمدە كىيگەن قارا رەڭلىك كىلاسسىك كۆڭلەڭ تا ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئىسىدە بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئاياللار شۇ قارا رەڭلىك كۆڭلەكنى كىيىشنى ئارزۇ قىلغان.
كۆپىنچە كىشىلەر يازدا كىلاسسىك قارا رەڭلىك كۆڭلەك كىيىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئەمما تاسمىلىق قارا رەڭلىك كۆڭلەكنى كىيىشنى خالايدىغانلار ئاز ئەمەس. تاسمىلىق قارا رەڭلىك كۆڭلەكنى مەيلى ئايرىم كىيىڭ ياكى كوپتىلارغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىڭ، ئوخشاشلا ئۆزگىچە خاسلىقنى يارىتالايسىز، چۈنكى تاسمىلىق قارا رەڭلىك كۆڭلەك ئىنتايىن يارىشىملىق.