تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تەرەت تۇڭىدىكى سۇنى ماڭدۇرغاندا قاپقاقنى يېپىۋېتىش كېرەكمۇ؟ (2)

    ھاجەتخانىدىكى باكتېرىيەلەرنى تەكشۈرۈش سىنىقى
    ئارقىدىن، تەتقىقاتچىلار خالىغان بىر ئۆينىڭ ھاجەتخانا ھاۋاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، كەسپىي مكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدا يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
    48 سائەتتىن كېيىن، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن نەتىجىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ھاۋا ئەۋرىشكىسىدە ئاساسلىقى گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى (藤黄微球菌)، سۇبتىلىس تاياقچە باكتېرىيەسى (枯草芽孢杆菌)، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大肠杆菌)، قارا ئاسپېرگىل (黑曲霉)، كاندىدا ئالبىكانس زەمبۇرۇغى (白色念珠菌)، قىزىل ئېچىتقۇ (红酵母菌)، مۇكور زەمبۇرۇغى (毛霉)، ئافلاتوكسىن (黄曲霉) قاتارلىق باكتېرىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

    تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن باكتېرىيەنىڭ سانى ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ ئىكەن.
    ئۇنداقتا بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيىنى بار؟
    گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى (藤黄微球菌): بۇ خىل باكتېرىيە شەرتلىك كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، يارا ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى توقۇلمىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئېغىر يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك ئىچى پەردىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر...
    چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大肠杆菌): بۇ خىل باكتېرىيە بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش، قۇرامىغا يەتكەنلەردە ئىچ سۈرۈش ياكى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    قارا ئاسپېرگىل (黑曲霉): نەم مۇھىتتا، قارا ئاسپېرگىل تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كىيىملەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئافلاتوكسىن (黄曲霉): بۇ خىل باكتېرىيە بىرىنچى تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى مادا بولۇپ، زەھەرلىك. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگەر توقۇلمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلار ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا ئومۇمەن مەۋجۇت. ئەگەر شەخسنىڭ ئەسلىدىنلا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولسا، بۇ خىل باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلار نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسىلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىلاردا بەزى باكتېرىيە خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يىرىڭلىق قاپارتقۇ، يارا تۈك خالتا ياللۇغى قاتارلىقلار... شۇڭا، ئادەتتە تەرەت تۇڭىنى كۆپرەك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ