جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «خاررىي پوتتېر» رومانىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىغا بۇ يىل نەق 21 يىل بولغان، بىر ئايال شۇ يىلى ناھايىتى ئاز بېسىلغان تۇنجى نۇسخىلىق «خاررىي پوتتېر ۋە سېھىرلىك تاش» رومانىنى سېتىۋالغان، ئويلىمىغان يەردىن ھازىر بۇ كىتابنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە بۇ كىتاب 56 مىڭ فوندستېرلىڭغا يارىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بونخامس كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە 1997-يىلى نەشر قىلىنغان «خاررى پوتتېر ۋە سېھىرلىك تاش» ناملىق بۇ روماننى ئامېرىكىلىق بىر شەخسىي يىغىپ ساقلىغۇچى 56 مىڭ 250 فوندستېرلىڭغا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كىتابنى ساتقۇچى ئايال ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولۇپ، ئۇ 21 يىل ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي يورك ئۆلكىسىدىكى خارروگايت ۋوگزالىدا بۇ روماننى سېتىۋالغان، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 11 ياشتا ئىكەن.
«خاررىي پوتتېر ۋە سېھىرلىك تاش» ناملىق بۇ روماننىڭ 1997-يىلىدىكى تۇنجى نەشرىدە پەقەت 500 ى بېسىلغان، كىتابتا يەنە تېخى خەت خاتالىقلىرى كۆرۈلگەن، يەنە كېلىپ شۇ چاغدا يازغۇچىنىڭ ئىسمى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان J·K ئەمەس، بەلكى جوئاننې روۋلىڭ دەپ يېزىلغان.