ئۆز خەۋىرىمىز: «مەن مەنزىرە رايونىدا نەق پۇل ئىشلەتمىدىم، كىرىش بېلىتىدىن تارتىپ، نەرسە-كېرەكلەرگىچە ھەممىنى يانفوندا سىكاننېرلاپلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.» دېدى خۇنەندىن كەلگەن ساياھەتچى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى. ئۇ ئالتايدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆكتوقاينى ساياھەت قىلىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشتەك قولاي مۇلازىمەتتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.
يۈەن رۈينىڭ قولاي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان كۆكتوقاي، تۇرپان بۇيلۇق، سايرام كۆلى، قۇمتاغ مەنزىرە رايونى، ھېيتگاھ مەيدانى، سانجى خۇيزۇ يېمەك-ئىچمەك كوچىسىدىن ئىبارەت ئالتە مەنزىرە رايونىدا توسالغۇسىز ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن بولدى. ئېلېكتىرونلۇق بېلەت سېتىۋېلىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىن تارتىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقىچە بولغان تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ، ساياھەت كەسپى تېخىمۇ «ئەقلىيلىشىش»كە باشلىدى.
تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكىلار ساياھەت كەسپىدە قوللىنىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەتچىلىكىگە يېڭىچە تۈس قوشتى.
7-ئايدىكى شىنجاڭ تومۇز ئىسسىق ئايلىرىغا كىردى، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن «يىپەك يولى» خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا ساياھەتچىلەر ياز پەسلىدىكى قار تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىچە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ.
«يىپەك يولى» خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى خۇاڭ خې 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق دېدى: قار تېيىلىش يولى ئىجادىي ماتېرىيالدىن ياسالغان ئالاھىدە يەر يۈزى بولۇپ، قار تېيىلغۇچىلار ئىشلەتكەن قار تېيىلىش تاختىسى، قار تېيىلىش ئايىقى، قار تېيىلىش چاقى ھەم قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش، سۈرىتى قىش پەسلىدىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق.
شىنجاڭدىكى تۇنجى تۆت پەسىللىك قار تېيىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىدىكى تۆت پەسىللىك قار تېيىلىش يولى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىككى كۈندە مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. «قۇرغاق قار»(旱雪)تېخنىكىسى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ياز پەسلىدىكى تىجارىتىگە يېڭى يول ئېچىپ بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-تەرەققىيات كومىتېتى پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىپ، يېڭى مەھسۇلات ئېچىش، يېڭى كەسىپ يېتىشتۈرۈش، يېڭى بازار ئېچىش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ۋە يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتى، ساياھەت كەسپى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.