شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى: ئىتالىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ سانائەت شەھىرى ئىۋرېئا شۇ كۈنى بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلگەن 42-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئىتالىيەنىڭ 54-دۇنيا مىراسىغا ئايلانغان.
ئىۋرېئا ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پىئېدمونت ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم سانائەت بازىرى تۇرىنغا يېقىن، مىراس ئورنى چوڭ تىپتىكى بىر زاۋۇت ھەمدە مەمۇرىي ئىشلار، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە ئولتۇراق رايوندىكى ئىمارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئىمارەتلەر توپىنىڭ كۆپىنچىسى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىتالىيەنىڭ داڭلىق شەھەر پىلانلىغۇچىلىرى ۋە بىناكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئىۋرېئا 20-ئەسىردىكى سانائەت ئىنقىلابى تەرەققىياتىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي بولۇپ، سانائەتلەشكەن جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدىكەن، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئادىمىيەت، قۇرۇلۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
42-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بەھرەيىن پايتەختى مانامادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىملىق يىغىندا 28 نامزات مىراس جاي قاراپ چىقىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت مىراسى 20، تەبىئىي مىراس 5، تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت قوش مىراسى 3. نۆۋەتتە، ئىتالىيەنىڭ دۇنيا مىراسلىرى سانى پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.