تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بولو بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلامدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

   خەلق تورى خەۋىرى: بولو يېسە راستىنلا بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلامدۇ؟ جاۋابى ئۇنداق ئەمەس.

  بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ماددا ئالماشتۇرىدىغان ئەزا، مېتابولىزم ماددىلىرىنىڭ ھەممىسى بۆرەكتە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش بۆرەكتىكى قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش ياكى بۆرەك نەيچىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل تاسادىپىي خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەردىن قان ئازلىق، تۆۋەن قان بېسىمى قاتارلىقلار بار. قان ئازلىق بىلەن تۆۋەن قان بېسىمى بۆرەكتىن ئۆتىدىغان قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك قان يېتىشمەسلىكتىن نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. بەزى دورىلارمۇ بۆرەكنى زەخمىلەندۈرۈپ، بۆرەكنى بىۋاسىتە كاردىن چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاش چۈشۈش، ئۆسمە قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بۆرەك مېتابولىزمىدا مەسىلە پەيدا قىلىپ، كۆپ مىقداردىكى مېتابولىزم ماددىلىرىنىڭ بۆرەكتە يىغىلىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

   ياشانغانلارنىڭ بۆرىكىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەش سەۋەبلىك ئۇلاردا بۆرەكتىكى قان ئېقىم مىقدارى ئازىيىدۇ، سۈيدۈكنى قويۇلدۇرۇش-سۇيۇلدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۆرەك قان تومۇرى قېتىشىدۇ، قان-تومۇر تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، قان-تومۇرلارنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئازىيىپ، بۆرەكتىكى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ياشانغانلارنىڭ بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغان تۈرلۈك ئامىللارغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، ئۇلاردا ئاسانلا ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

   بولو تەركىبىدە بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھېچقانداق ئالاھىدە تەركىب يوق، شۇڭا بولو ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، كىشىلەر خاتىرجەم يېسە بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ