ئۇيقۇنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمىسەكمۇ، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسىنىڭ كونكرېت ۋاقتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسىدا مۇھىم بولغىنى قېنىپ ئۇخلاش.
ئادەتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسىنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت ئىككىگىچە. چۈنكى بۇ ۋاقىت بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئەڭ كۆپ مەزگىل. ئەگەر كەچتە ئۇيقۇڭىز كەلمىسە، زورلاپ ئۇخلىغان بىلەنمۇ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يىتەلمەيسىز.
قېنىپ ئۇخلىماسلىق بەدەنگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. بەدەن بۇ خىل بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كورتىسول (皮质醇) دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. كورتىسول تېرىدىكى كوللاگېنتلىك ئاقسىلنى پارچىلايدۇ. كوللاگېنلىق ئاقسىل تېرىنى پارقىراق قىلىپ ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر كوللاگېنتلىك ئاقسىل زىيادە كۆپ پارچىلىنىپ كەتسە، تېرە خۇنۇكلىشىپ، تاتراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ مەلۇم ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە كۆڭلىڭىزنى بەكمۇ يېرىم قىلىپ كەتمەڭ. ئەگەر ئۇيقۇ سۈپىتىڭىز ياخشى بولسا، ئوخشاشلا ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.