تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئورۇنسىز گۇمان كىشىگە زىيان

ماتېرىيال سۈرەت

    كۆپىنچە كىشى گۇمانخورلۇقتىن ئىبارەت خاراكتېردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەمما گۇمان ھەمىشە ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك بولماي قالىدۇ، كىشىلەر تۈرلۈك-تۈمەن گۇمانلار تۈپەيلى ئۆز-ئۆزىنى بىئارام قىلىدۇ-خالاس! شۇڭا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بولسا، ھەممە گەپنى ئېنىق ئېيتىش، ئورۇنسىز گۇماندىن ساقلىنىش كېرەك.

   گۈلسۈم توي قىلىپ قېينىئانا، قېينىئاتىلىرى بىلەن بىللە تۇردى. بىر كۈنى ئۇ توڭلاتقۇدىكى مېۋىلەرنى ئېلىپ، مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ شەربەت قىلىپ بەرگەنىدى، قېينىئانىلىرىغا ناھايىتى تېتىپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن گۈلسۈم مېۋىلەرنى دائىم دېگۈدەك سىقىپ، چەينەككە قويۇپ قويىدىغان بولدى. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا چەينەكنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسە ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كېتەتتى. گۈلسۈمنىڭ نەزەرىدە بۇ ئۆزىنىڭ قېينىئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىدى.

   بىر كۈنى بالدۇر ئىشتىن چۈشكەن گۈلسۈم قېينىئانىسىنىڭ چەينەكتىكى شەربەتنى تۆكۈۋەتكەنلىكىنى تاساددىپىي كۆرۈپ قالدى-دە، «قېينىئانام مەندىن خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، بولمىسا نېمە ئۈچۈن بىر ئوبدان شەربەتنى تۆكۈۋېتىدۇ؟» دەپ ئويلاپ كېچىچە بىئارام بولدى.

   شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مېۋىلەرنى سىقىپ قويماس بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىن كۈنگە سەزگۈرلىشىپ كەتتى. قېينىئانىسى چىنە-قاچىلارنى يۇيۇۋاتقاندا «تاراڭ-تۇرۇڭ» ئاۋاز چىقىپ كەتسىمۇ ئۆزىگە ئېلىپ كېتەتتى.

   بىر كۈنى ئېرى گۈلسۈمدىن ئاپىسى ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بىرەر سۈركىلىش بولغان-بولمىغانلىقىنى، گۈلسۈمنىڭ روھىي-ھالىتىنىڭ ئانچە جايىدا ئەمەسلىكىنى بايقاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

   تاشالماي ئاران تۇرغان گۈلسۈم بولغان ئىشلارنى ئېرىگە تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئەر بۇلارنى ئاپىسىغا ئېيتتى.

   قېينىئانىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ :«چەينەككە چىۋىن چۈشۈپ قاپتۇ، شۇڭا تۆكۈۋەتكەنىدىم بالام» دېدى.

   بىر چىۋىن پەيدا قىلغان ئۇقۇشماسلىق ئىناق مۇناسىۋەتكە دەز كەتكۈزگىلى تاسلا قالدى. شۇ ئىشتىن كېيىن گۈلسۈم نۇرغۇن ۋاقىتنى گۇمانلىنىشقا سەرپ قىلىۋەتكەنلىكى ھېس قىلدى، ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆڭلىدىكىنى ئېنىق ئېيتماي يۈرگەنلىكىدىن، قېينىئانىسىدىن ئاساسسىز رەنجىگەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا كىشى ئۆزى يالغۇز ياش تۆكۈش، ئازاپلىنىش ھەتتا غەزەپلىنىشكە رازىكى، «ھەممىنى ئېنىق ئېيتىش» نى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئورۇنسىز گۇمان زىددىيەتنى ئۇلغايتسا ئۇلغايتىدۇكى، ھەرگىز پەسەيتمەيدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ