شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئۈرۈمچى چۇاڭكې يۈنكا قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىغا ئاجراتقان 15 مىليون يۈەن مەبلەغ يېقىندا نەقلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش ۋاستىلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار تارماق مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئاجرىتىلغان ياردەم مەبلىغى 15 مىليون يۈەن بولۇپ، ھەر بىر يېتىشتۈرۈش بازىسىغا 3 مىليون يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، ئۈرۈمچى چۇاڭكې يۈنكا قاتارلىق بەش ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى ئېچىش، ئىش باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش تور بېكىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 5 ئورۇننى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇلار ئايرىم ھالدا قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى رايونى، ئۈرۈمچى بودېمىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئۈرۈمچى چۇاڭكې يۈنكا، سانجى شەھىرىدىكى لېخو ئىگىلىك تىكلەش بازىرى، قاراماي شەھىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئورۇنلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋاستىلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەسىر كۆرسىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.