شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئاساسى تېمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش».
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر ئاساسىي مۇنبەر، بەش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي مۇنبەر يىغىنى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرى، بەش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك مۇنبىرى ، «بىر بەلباغ ، بىر يول» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق مۇنبىرى، « بىر بەلباغ، بىر يول» سودا-سانائەت مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» بىڭتۈەن ئېچىۋېتىش تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
مۇنبەر پائالىيىتى «سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش » جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد، سودا، يېزا ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر قانچە كەسپىي مۇھاكىمە مۇنبىرى ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئوبراز كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى، تاۋار سودا كۆرگەزمە رايونى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونىنى ئۆز ئىچگە ئالغان تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلەت قاتلىمىدىكى زور تاشقى ئالاقە پائالىيىتى بولۇپ، « بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يول، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەسىر كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 103 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات قاتناشقان. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سانى 103 مىڭ ئادەمگە، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئادەم سانى 2 مىليون 10 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.