تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاپار كەنتىدىكى «شياگو»

  گو مېيلىڭ (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسىگە كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتمەكتە.

  تورىمىز خەۋىرى: گو مېيلىڭ چاپچال ناھىيەلىك تۇرالغۇ - قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرى ئاپار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى. ئۇ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن كەنتتىكى ياشانغانلار ئۇنى «شياۋگو» دەپ چاقىردى، بىراق، تەلەپپۇز توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىسمى «شياگو» دەپ ئاتىلىپ قالدى، ئويلىمىغاندىن يەردىن بۇ كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا قويۇپ قويغان ئەركىلەتمە ئىسىم بولۇپ قالدى. مۇخبىر گو مېيلىڭنىڭ گېپى چىقسا، كەنتتىكىلەرنىڭ ئۇنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزاسىدەكلا چۈشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. گو مېيلىڭ 2016-يىلى كەنتكە كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر چىن مۇھەببىتىنى ئاپار كەنتىگە بېغىشلىدى.

  «ئۆز ئادەم» يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاجىزلارنى يۆلەپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى

  كەنتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم ۋە ياكى ئائىلە زىيارىتى بولسۇن، گو مېيلىڭنىڭ ئالدىراش سىماسى ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇنى «ئۆز ئادەم» قاتارىدا كۆرىدىغان بولدى، خۇددى كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن زەيدۇن قاتارلىق بوۋايلار ئېيتقاندەك، ئاھالىلەر ئۇنى نەچچە كۈن كۆرمىسە، تېلفون قىلىپ ئەھۋالىنى سورايتتى.

  مەمتىمىن بوۋا بۇ يىلنىڭ بېشىدا مېڭە توسۇلۇش كېسىلى بىلەن ئورنىدىن تۇرالماي قالدى. گو مېيلىڭ خىزمەتتىن سەل بىكار بولسىلا ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ بوۋايغا دورا ۋە كالتىسىي تولۇقلايدىغان قۇۋۋەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلەتتى، ئۇ يەنە بوۋاينىڭ تېنى ئۇزۇن يېتىش سەۋەبلىك يارا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، كۈندە بوۋاينىڭ بەدىنىنى ئۆرۈپ، پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ بەردى. «شياگو، سىز ماڭا بەك جىق ياخشىلىق قىلدىڭىز، ھالىمدىن خۇددى ئۆز بالامدەكلاخەۋەر ئالدىڭىز» دېدى مەمتىمىن بوۋاي گو مېيلىڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تەسىرلەنگەن ھالدا.

  گو مېيلىڭ كەنتتە تۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان كەنتتە قارىماققا ئاددىي، بىراق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى. كەنتتە ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى؛ قۇلاق ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نەجىم ھاشىمجاننىڭ دوختۇرغا كىرىش راسخوتىنى تاپشۇرۇپ بەردى؛ ئىليارنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلىشىگە ياردەم قىلدى؛ ھەر ئايدا 100 يۈەن پۇل چىقىرىپ، نامرات ئاھالە گو شيۇلىڭغا دورا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ كېسىلىنى كونترول قىلدى؛ ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتقان كەنت ئاھالىسى نەفىسە ھاشىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى؛ نامرات ئاھالە ئەكرەمنىڭ ھويلا-ئاران ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە ئۇنىڭ مېيىپ قىزىنىڭ ئوقۇش ئىشىنى ھەل قىلدى... ئۇ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەستايىدىل قىلىپ بەرگەن ھەر بىر «كىچىك» ئىش ئۇنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يېقىنلاشتۇردى.

گو مېيلىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرمەكتە.
     ئاممىچى خىزمەتلەردىكى «گۆھەر ساندۇق»
   گو مېيلىڭ ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا كەنت ئىشلىرى سىستېمىسى سۇپىسىنىڭ ئاددىيلا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى سۇپىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، بىر ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ كەملىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئائىلە زىيارىتى ئۇچۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ تولۇق، مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن «چوڭ قۇرۇلۇش»نى باشلىدى.
 
     ئائىلە زىيارىتى قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ئىنكاس قىلىش... كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە بازارلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن، جۇغلانما نومۇر بىلەن باشقۇرىدىغان ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى «سېھىرلىك ساندۇق» بولدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئىككىلىك كود ئارقىلىقلا ئائىلە ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، تولۇقلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدىغان بولدى، كەنت خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرىلىدى.
     «كىچىك تارماق ئەترەت» پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى تۈمەن ئائىلىگە كىرگۈزدى
     «پارتىيە 19-قۇرۇلتاي قاچان ئېچىلغان؟ كىم بىلىدۇ؟»
     «مەن، مەن بىلىمەن، مەن...»
     كەچ كىرىشى بىلەن، ئاپار كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى بىناسىنىڭ چىراغلىرى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى، بۇ يەردە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، گو مېيلىڭ پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۈنلۈك ھالدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئوقۇپ بەردى، ئارىلىقتا تېخى كەنت ئاھالىلىرىدىن سوئال سوراپ قوياتتى، كەنت ئاھالىلىرى قىزغىن كەيپىياتتا سوئالغا جاۋاب بېرەتتى، نەق مەيدان شۇنچىلىق قىزغىن ئىدى.
     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئاكتىپلىق بىلەن يىغىن روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. گو مېيلىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە ئەلئىچى سەنئەتچىلىرى، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتى قۇرۇلدى. ئۇلار دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا، ئېتىز باشلىرىدا، مەدەنىيەت ھويلىسىدا؛ «ئۈندىدار توپى»، «دوستلار چەمبىرىكى» قاتارلىق تور ۋاسىتىلىرىدا ھەرمىللەت خەلققە قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆي-ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ، قەلبلەرگە چوڭقۇر ئورناتتى.
      كەنتتە تۇرۇشلۇق ئاددىي بىر كادىر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بەھەيۋەت سۆزلەرنى قىلمىدى، كىشىلەر تاڭ قالغۇدەك ئالەمشۇمۇل ئىشلارنىمۇ قىلمىدى، پەقەت مېھىر-مۇھەببەتلىك قەلبى، ھارماس بىلىكى، تالماس ئايىغى بىلەن كىچىك-كىچىك ئىشلارنى قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش ھېكايىسىنى پۈتمەكتە... ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋاقىت «شياگو»نىڭ چوقۇم  چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ