تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالانىڭ خاس سەھرا ساياھىتى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

يەن پىڭ

  «ئۆزگىچە زېمىن، گۈزەل ماكان» بورتالا شەھىرىدىكى كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل ئوتلاق، سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى، بۈك-باراقسان ئىپتىدائىي ئورمان، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان ئەنئەنىۋى ئېسىل يېمەكلىك، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر ئاسار ئەتىقە قاتارلىق تەڭداشسىز گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، بۇ جاينىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ گۈزەل كارتىنىسى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلمەكتە.

  «چېگرا بوستانلىقى، باياشات يۇرت» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسىدا ھەر يىلى يازدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارىلجىن يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ جيەنجۈن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتىمىزدە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى ئارقىلىق دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش يولىغا باشلىدۇق، دېدى.

  سۇ بايلىقى مول، ئىقلىمى مۇۋاپىق بولغانلىقتىن، بۇ كەنت 1991-يىلى نېلۇپەر گۈلىنى سىناپ ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، كېيىن ئۇنى زور كۆلەمدە كېڭەيتكەن، نېلۇپەر گۈلى ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مودىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ كەنت خاس سەھرا ساياھىتىنى يولغا قويۇپ، ۋۇخەن دۇڭخۇ كۆلى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىدىن 1200 تۈپ 60 خىل سورتلۇق نېلۇپەر مايسىسى كىرگۈزۈپ، نېلۇپەر كوچىسى تۈرى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە دەم ئېلىشقا، ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولغان. كەنت بويىچە خاس يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىنغان، «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى» «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇلۇغ ۋە گۈزەل پىلانىنى تۈزۈپ بەرگەن. 2017-يىلى كەنت بويىچە كوللېكتىپ كىرىم 1 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىم 18 مىڭ 252 يۈەنگە يەتكەن.

  شارىلجىن يېڭى كەنتىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل «نېلۇپەر» سەھرا ئارامگاھىدا نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەن زۇمرەت كەبى كۆل كىشىگە زور ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى فوتو ئاپپاراتلىرىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرسا، بەزىلىرى كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ، كەچتە ساياھەتچىلەر يەنە گۈلخان كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، تونۇر كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى قاتارلىق مەززىلىك سەھرا يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تېگەلەيدۇ.

  بۇ يەرنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يەنلىڭ بىر تەرەپتىن يېمەك- ئىچمەك سودىسى قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن شاللىقتا قىسقۇچپاقا بېقىش ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن 60 مىڭ قىسقۇچپاقا قۇمچىقى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ 50 مىڭ مولۇق شاللىقىدا قىسقۇچپاقا باققان. مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى- كەينىدە بۇ قىسقۇچپاقىلار بازارغا سېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىدىكەن.

  چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولماي تۇرۇپلا «شيەنيا سەھرا ئارامگاھى»نىڭ ئالدى تاماق يېيىشكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ پىكاپلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى. «شيەنيا سەھرا ئارامگاھى»نىڭ كاۋاپ، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قوردىقى، ئاچچىق- چۈچۈك قوي پاچىقى قاتارلىق تائاملىرى ساياھەتچىلەر چوقۇم ئېغىز تېگىدىغان ئاساسلىق قورۇمىلار ئىكەن. خوجايىن جۇ يۈتىڭ 30 مو كېۋەزلىكىنى باشقۇرغاندىن باشقا، ھەر يىلى سەھرا ئارامگاھىدىن يەنە 40 مىڭ يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلالايدىكەن. ئۇنىڭ ئارامگاھىنىڭ ئاساسلىق قورۇمىسى «ئاچچىق- چۈچۈك قوي پاچىقى» ئىكەن. ھازىر كەنتتە تۆت سەھرا ئارامگاھى بار ئىكەن، بۇ ئارامگاھلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئارامگاھلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلار بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن.

  بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىدا شارىلجىن يېڭى كەنتىگە ئوخشاش ئۆز يېرىنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە سەھرا ئارامگاھى، باغلاردىن مېۋە ئۈزۈش، كۆللەردە بېلىق تۇتۇش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق تۇرمۇش ئىستىراھەت كەسىپلىرىنى يارىتىۋاتقان كەنتلەر يەنە بار بولۇپ، ئۇ كەنتلەر ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە كەنت ئاھالىسى كىرىمىنىڭ قوش ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى جاۋ لىڭگې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم خاس تېرىقچىلىق، تاماشا- ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش، سەھرا ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، گۈزەل يېزا-كەنتنى ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسىي قىلىپ، «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ساياھەت + مەدەنىيەت» ئارقىلىق مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتۇق.

  كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدىكى گۈزەل مەنزىرە؛ ھەر بىر دانە خىش-كېسەك، ھەر بىر تال گۈل-گىياھ يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ بېيىشىدىكى بايلىق. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، بورتالا شەھىرى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 493 مىڭ ئادەم(قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان، 405 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى يارىتىلغان، قونغان ساياھەتچى 315 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ