تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي تىجارەت باشلىدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چى يېچىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

 گوۋۇيۈەن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەسىس قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى، شۇ يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى دۆلەتنىڭ ئون مىنىستىرلىق، كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، 2018-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە تىجارەت كىرىمى ياراتتى.

 ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 2.41 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالاتاۋ پورتى ۋە قەشقەردىن كېيىن شىنجاڭدا قۇرۇلغان 3-ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىكەن. ھازىرغا قەدەر، بۇ رايونغا جەمئىي 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇل ئەسلىھە ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن، 31 كارخانا ماكانلاشقان.

 ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم تىرەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پورت مەشغۇلاتى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدۇ ھەم ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، رايون-پورتنى بىرلەشتۈرىدۇ، «مال توپلاش، رايون قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەسەۋۋۇرى بويىچە، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئاساسلىق خىزمەت نىشانى قىلىپ، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان، تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش قولايلىق بولغان، كەسىپلەر مەركەزلەشكەن، ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تېزدىن شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ