تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

سۈتچىلىك كەسپى تەرەققىي قىلىشتا نېمىگە تاياندى؟

دۇ ۋېي

   2008– يىلىدىكى سۈپەت ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپى ئەڭ كاسات ھالەتتىن قۇتۇلۇپ ئەسلىگە كېلىش ۋە گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئون يىل بۇرۇن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ، چەت ئەلنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى بازار تاپقانىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۆلىتىمىز سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى يارىتىپ، ئون يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى:

   مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىگە يۈزلىنىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كىچىك ئىش ئەمەس، سۈپەت يېمەكلىك كەسپىنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىرادە بىلەن سۈتچىلىك كەسپىگە قارىتا تۈزەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارىختىكى ئەڭ قاتتىق بولغان سۈت تالقىنى ياساش رېتسېپىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بازارنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، مېلامىن قاتارلىق چەكلەنگەن خۇرۇچلارغا قارىتا نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان %100 بولۇپ كەلگەن. بۇ دەل سۈتچىلىك كەسپىنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساس ھېسابلىنىدۇ.

   مەسىلىنى ھەل قىلىشتا پەرققە توغرا مۇئامىلە قىلىش، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. دۇنيادىكى سۈتچىلىك كەسپى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ئاساسى ناھايىتى ئاجىز، بۇ ئاساسلىقى كۆلەملىك، تەشكىللىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەمچىل، ماشىنىلىشىش، ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن دۆلىتىمىز سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئون يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق 2017 – يىلى دۆلىتىمىزدە ئىنەكلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش نىسبىتى %56كە يېتىپ، 2008 – يىلىدىكىدىن 36.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، سۈتچىلىك كەسپىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بازار ئۈلۈشى %55كە يەتتى. كەسىپنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تەننەرخ تۆۋەنلەپ، خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشش ئاساسىنى ھازىرلىدى.

   دۆلىتىمىز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى يالغۇز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ئۆزىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن قول سېلىپ ھەل قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز سۈتچىلىك كەسپىنى گۈللەندۈرۈش بېدە تەرەققىيات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى يېڭىدىن 500 مىڭ مو يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك بېدە بازىسىنى يېڭىدىن بىنا قىلىپ، يەم – خەشەك تېرىقچىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىنەكلەرنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىنەك سورتلىرىنى يادرولۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى قۇردى. يېزا ئىگىلىكى گۈللەنسە، سۈتچىلىك كەسپىمۇ گۈللىنىدۇ، پەقەت ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسى سىستېما ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ئارقىلىقلا، سۈتچىلىك كەسپىنى ئالىي سۈپەتلىك خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى قوللاشنى كۈچەيتىشمۇ سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم شەرت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   كىچىككىنە بىر ئىستاكان سۈت ئەمەلىيەتتە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسى ۋە ئىستېمالچىلار بىلەن زىچ باغلىنىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئون يىلدىن بۇيان، سۈتچىلىك كەسپىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، يۇقىرى – تۆۋەن بىر مەقسەتتە زور كۈچ بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغانلا بولسا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سانائىتى خەلقئارا رىقابەتتە تولۇق پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.  

نىجات قۇربان تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ