تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئورتاق ۋېلىسىپىت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

فەن گۇاڭكو

    ئورتاق ۋېلىسىپىت بارلىققا كېلىپ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدا، رىقابەت ئاساسلىقى تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە قىزغىنلىقىدا ئىپادىلەندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى سۈپەتلىك ئايلىنىش ۋە ساغلام تەرەققىياتتا قولاي بولۇش ۋە تەرتىپلىك بولۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ھازىرقى ئورتاق ۋېلىسىپىتنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشتا ئىنچىكىلەشكەن تىجارەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

   ئەگەر ئورتاق ۋېلىسىپىت بازىرىدىكى رىقابەت ۋە تەرەققىياتنى بىر مەيدان مۇسابىقە دېسەك، بۇ مۇسابىقىنى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئىككى مەيدانغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە سۈرئەت ۋە قىزغىنلىق ئاچقۇچ ھېسابلاندى، ھەمبەھرە ئىقتىساد ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ياقتۇرىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن نەچچە 100 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ بىلەن بۇ بازارغا كىردى. ئاخىرىدا بازار رىقابىتىگە قاتناشقان كارخانىلار ۋە بازارغا سېلىنغان ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەتتا بەزى شەھەرلەردە ۋېلىسىپىت ‹‹ئاپەت››كە ئايلاندى. تولۇقلىما بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئورتاق ۋېلىسىپىت كەسپىدىكى رىقابەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى ئاخىرلىشىپ، مەغلۇپ بولغان بەزى كارخانىلار بازاردىن چېكىنىپ چىقتى.

   ئەمدىكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بولسا ئورتاق ۋېلىسىپىت كەسپىنىڭ ياخشى، سۈپەتلىك، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا قولاي بولۇش ۋە تەرتىپلىك بولۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىستېمالچىلار ئارزۇ قىلغان ‹‹قولاي بولۇش›› بىلەن باشقۇرغۇچى تارماقلار تەلەپ قىلغان ‹‹تەرتىپلىك بولۇش›› ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىشى كېرەك. بۇ، بازار رىقابىتىگە قاتناشقان ئورتاق ۋېلىسىپىت كارخانىلىرىنىڭ سانىنىڭ مۇقىملىشىشقا، ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ سان جەھەتتىن تويۇنۇشقا باشلىغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئۆزئارا رىقابەتنىڭ باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى، تېخىمۇ مۇھىمى پايدا يارىتىش ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كارخانا، ھۆكۈمەت ۋە ئىستېمالچىلار ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

   كارخانىلارنىڭ بۇ باسقۇچتا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى بازاردىكى ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى ھازىر بار بولغان ئورتاق ۋېلىسىپىتلەرنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشى ۋە ئاسرىشى، ئىنچىكىلەشكەن تىجارەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇزۇلغان ۋېلىسىپىتلەرنى رېمونت قىلىپ، كونىرىغانلىرىنى يېڭىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ چىقىرىپ ئورتاق ۋېلىسىپىتلەرنى قويۇش ۋە ساقلاش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى، ئورتاق ۋېلىسىپىت توختىتىدىغان مەيداننى شەھەر باشقۇرۇش تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تۈگىتىشى كېرەك.

   ھازىر كۆپلىگەن جايلار ئورتاق ۋېلىسىپىت كەسپىگە قارىتا كەڭ قورساق بولۇش، ئىلھاملاندۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بىر قىسىم جايلاردىكى فۇنكسىيەلىك تارماقلاردا باشقۇرۇشتا بىر تاياقتا ھەيدەش ئەھۋالى مەۋجۇت. مەسىلەن، بېكىتىلگەن رايوندا ئۆلچەملىك توختىتىلمىغان ۋېلىسىپىتلەرنى ئىستېمالچىلار قالايمىقان توختاتقانمۇ ياكى كارخانىنىڭ رەتلىشى ۋاقتىدا بولمىغانمۇ؟ دېگەنلەرنى سۈرۈشتۈرمەيلا بىردەك مۇسادىرە قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ ئەھۋال مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سېلىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارغىمۇ قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەت ھەيدەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ۋېلىسىپىت توختىتىش مەيدانى ۋە رەتلەش ۋاقتىنى بېكىتىپ، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

   ئىستېمالچىلار ئورتاق ۋېلىسىپىتتىن نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق ۋېلىسىپىتنى ئاسراپ ئىشلىتىشى، قەستەن بۇزۇپ قويىدىغان، ئىگىلىۋالىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى، مۇھىمى ئاكتىپلىق بىلەن كارخانا ۋە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، ۋېلىسىپىتلەرنى رەتلىك قويۇپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىشى، كارخانىنىڭ يۈكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر كۆپ ساندىكى ۋېلىسىپىت قالايمىقان توختىتىپ قويۇلۇش سەۋەبىدىن مۇسادىرە قىلىنسا ياكى كارخانىلارنىڭ ۋېلىسىپىت توختىتىش مەيدانى قۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئىستېمالچىلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قولاي ھالدا سىرتقا چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

 بىلىقىز ئەخەت تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ