تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈچ بالىنىڭ مېھرىبان ‹‹دادا››سى گې جېڭخۇا

گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېي لىنا، ۋاڭ چۈنلىڭ

   مەشىق مەيدانىدا گې جېڭخۇا ناھايىتى قامەتلىك خەلق ساقچىسى، ئۆيدە بولسا ئاشخانىدىن چىقمايدىغان ياخشى دادا. ئۇنىڭ تۆت ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى بولسىمۇ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇ يەنە ئۈچ بالىنى ‹‹بالا›› قىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن 35 ياشلىق گې جېڭخۇا تۆت بالىغا ‹‹دادا›› بولدى.

   2017– يىلى كۈزدە، گې جېڭخۇا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، تولى ناھىيەسىنىڭ ئاقبېلدىۋ يېزىسى لابا كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، گې جېڭخۇا مۇنداق دېدى: ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا بالىلار يۈگۈرۈشۈپ ئالدىمغا كېلىپ مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ھاياجاندىن تۇرۇپلا قالدىم.

   گې جېڭخۇانىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى 18 ياشلىق سېرىكقان قادىرقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاچىسى ئۆي – ئوچاقلىق بولغان بولۇپ، ئۆيىدە سېرىكقان قادىرقان 13 ياشلىق ئىنىسى قانات قادىرقان ۋە ئون ياشلىق سىڭلىسى دىنا قادىرقان بىلەن قالغانىدى. 2016 – يىلى، سېرىكقان قادىرقان ئوقۇشتىن توختاپ قېلىپ باشقىلارنىڭ مېلىنى بېقىپ، ئانچە – مۇنچە كىرىم قىلىپ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، سېرىكقان قادىرقاننىڭ تاغىسى بۇ ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى، تاغىسىنىڭ ئائىلىسىدىمۇ قىيىنچىلىق بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىدىن دېگەندەك ياخشى خەۋەر ئېلىپ بولالمىغانىدى. بۇ ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن نەۋرە ئاكىسى خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. گې جېڭخۇا مۇنداق دېدى: بالىلارغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى. ئەسلىدە مەكتەپتە ئوقۇشقا تېگىشلىك سېرىكقان قادىرقان ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ مېلىنى بېقىشقا مەجبۇر بوپتۇ.

   1 – قېتىملىق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۈچ بالىنىڭ سىماسى ھېلىھەم گې جېڭخۇانىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى، ئۇ ئۈچ بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، يېشىغا قاراپ خىزمەتداشلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ كىيىمىنى يىغدى.

   بەختلىك ئۆتكەن بەش كۈن

   2017– يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، گې جېڭخۇامىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن سېرىكقان قادىرقاننىڭ ئۆيىگە 2  – قېتىم كەلدى، بۇ قېتىم گې جېڭخۇا خېلى تولۇق تەييارلىق بىلەن كەلگەن بولۇپ، بالىلارغا كىيىم – كېچەك، يېمەكلىك ئېلىپ كەلگەنىدى. لېكىن گې جېڭخۇا ئىشىكتىن كىرىپلا كۆڭلى يېرىم بولدى، چىرايلىق دىنا قادىرقان چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە سوغۇق ئۆيدە ئولتۇراتتى.

   دىنا قادىرقان گې جېڭخۇانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئۇ گې جېڭخۇاغا: ئۈچىمىز قۇرۇق نان يەۋاتقىنىمىزغا بىر ھەپتە بولدى، دېدى. ئەسلىدە سېرىكقان قادىرقان مال بېقىشتىن قايتىپ كەلمىگەن بولۇپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان 16 – 17 ياشلاردىكى نەۋرە ئاكىسىمۇ بالىلارنىڭ چۈشلۈك، كەچلىك تامىقىغا قۇرۇق ناندىن باشقا ھېچنېمە تەييارلاپ بېرەلمىگەنىدى. گې جېڭخۇا ئاشخانا ئۆيگە كىردى، ئوچاقتا ھېچنېمە يوق، توڭلاتقۇدىمۇ نەچچە تال قاتتىق ناندىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش كەلگەن گې جېڭخۇا: مەن سىلەرگە ئىسسىق تاماق ئېتىپ بېرىمەن، دېدى. 2  – كۈنى ئەتىگەندە، گې جېڭخۇا ئورنىدىن تۇرۇپلا ئوچاققا ئوت قالاپ بالىلارغا ناشتىلىق تەييارلىدى، بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن ناھىيەگە بېرىپ، بىر قوي، ئىككى توخۇ، كۆكتات سېتىۋالدى.

   گې جېڭخۇا بالىلارغا توخۇ قورۇمىسى، تۈگۈرە، پولۇ، لەڭمەن دېگەندەك تاماقلارنى كۈندە بىر خىلدىن ئېتىپ بەردى.

   گې جېڭخۇا كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئۆي باشقىچىلا ئىللىپ كەتتى، بالىلارنىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تاماققا تازا ئۇستا ‹‹گې دادا››نىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھە دېسىلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تاماق يېگىلى كەلدى. ئەسلىدە زېرىكىشلىك بۇ ئۆي نەچچە كۈندە باشقىچە جانلىق كەيپىياتقا كىردى.

   دىنا قادىرقاننىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى گې جېڭخۇا ساتىراشخانىغا ئاپىرىپ ياساتقۇزدى، دىنا قادىرقان ئۆزىنىڭ پاكىز ھەم چىرايلىق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچ – ئىچىدىن خۇشال بولدى.

   بەش كۈنلۈك ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. گې جېڭخۇا مېڭىشتىن ئىلگىرى بازارغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، بۇ ئائىلىگە كۆمۈر ئەكىلىپ بەردى ۋە بالىلارغا: ئۇزاققا قالماي يەنە كېلىمەن، كېلەر قېتىم كەلگەندە سىلەرنى ناھىيەدىكى مۇنچىغا ئاپىرىمەن، باغچىغا ئاپىرىمەن، ياخشى ئوقۇڭلار، تېلېفون نومۇرۇمنى ياخشى ساقلاڭلار، مەن سىلەرنىڭ ‹‹داداڭ››لار، دېدى.

   كونا تۇغقىنىمدىن رىشتىمنى ئۈزەلمەيمەن

   بۇ يىل 3 – ئايدا گې جېڭخۇانىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى باشقا كەنتكە ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئىشنى ئۈچ بالىغا ئېيتمىدى.

   بالىلار ئۆگىنىشتە قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۆيدە قانداق ئىشلار بولغانلىقىنى كۈندە گې جېڭخۇاغا ئۈندىداردا دوكلات قىلىپ تۇراتتى، گې جېڭخۇامۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ، كىمنىڭ ئىلگىرى باسقان – باسمىغانلىقىغا قاراپ ئۇلارغا ئىلھام بېرەتتى. گې جېڭخۇا مۇنداق دېدى: سېرىكقان قادىرقان باشقىلارنىڭ مېلىنى باقىدۇ. مېنىڭچە، ئۇ ياش بولغاندىكىن، بىر تېخنىكا ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم پاراڭلىشىپ باقتىم، ئۇنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالسۇنمىكىن دەيمەن.

   ھەر قېتىم ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بۇ بالىلار توغرىسىدا توختالغاندا گې جېڭخۇانىڭ گېپى تۈگىمەيتتى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئوغلىغا كەلگەندە كۆپ سۆزلىمەيتتى. ئۇ ئۆكۈنگەن ھالدا: ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خوتۇنۇم خەۋەر ئالىدۇ، ئوغلۇم يەسلىدە تۇرىدۇ. خىزمىتىم تۈپەيلى ئوغلۇمنى يەسلىگە ئاپىرىپ – ئەكەلگەن چاغلىرىم بەكمۇ ئاز، دېدى.

   قوشماقلاشقان تۇغقىنى بولمىسىمۇ، لېكىن گې جېڭخۇا ئاشۇ ئۈچ بالىنىڭ غېمىنى يەۋاتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى پات – پات بېرىپ يوقلاپ تۇرىدۇ. گې جېڭخۇا مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارغا ناھىيەگە مۇنچىغا، باغچىغا ئاپىرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەن، گېپىمدىن يېنىۋالسام بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ