تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتكە تەڭ چۈشكەن ئاتا ـ بالا

   مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ خەۋىرى: 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى ئارپىلىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى زىبىبۇللا مەمەت ئۆي كۆچتى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئارپىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئەخەت سەھەردىلا خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنى باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. ئارپىلىق كەنتى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان تۆت كەنتنىڭ بىرى بولۇپ، قاتناش، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانىدى، يەنە كېلىپ، بۇ كەنتتىكى 16 ئائىلە كەنتتىن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق رايوندا تۇرمۇش كەچۈرەتتى، زىبىبۇللا مەمەتنىڭ ئائىلىسىمۇ تاغلىق رايوندا بولۇپ، ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن كۆچۈرۈپ چىقىپ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئىدى.

   تەلئەت ئەخەت بىلەن قىزى گۈلمىرە ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، تەلئەت ئەخەت 2017 – يىلى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىگە قاتنىشىپ ئارپىلىق كەنتىگە كەلگەنىدى، پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشۇپ قالغان تەلئەت ئەخەت بۇ يىلمۇ داۋاملىق كەنتتە قېلىشنى تاللىدى. گۈلمىرە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹كىچىكىمدىنلا دادامنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلاتتىم، شۇڭا <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمىتىگە قاتنىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم››. گۈلمىرە شۇ قىزغىنلىقى بىلەن 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىغا ئىلتىماس سۇندى. بۇ يىل 2 – ئاينىڭ ئاخىرىدا گۈلمىرە ئارزۇسى بويىچە ئارپىلىق كەنتىگە كېلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.

   33 ياشلىق گۈلمىرە كىچىكىدىن شەھەردە چوڭ بولغان، يېزىدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى يوق ئىدى. دادىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ‹‹ئۇستاز›› بولۇپ، قولمۇ قول ئۆگەتتى.

   تەلئەت ئەخەت خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولسىمۇ، قىزىغا قىلچە يان باسماي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويدى. تەلئەت ئەخەت مۇنداق دېدى: ‹‹گۈلمىرە كەنتكە خىزمەت قىلغىلى كەلگەن، گەرچە ئۇ قىزىم بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر››. گۈلمىرەمۇ دادىسىنى چۈشەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن خىزمەتنى تىرىشىپ ئەستايىدىل ئىشلەيمەن، دادامنى يەرگە قاراتمايمەن››. جىددىيلىككە، ئالدىراشلىققا تولغان كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا ئاتا – بالا ئىككىيلەننىڭ يالغۇز قالىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز. تەلئەت ئەخەتنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار، گۈلمىرە قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالدى. ‹‹دادامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئاپامنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىسى›› دېدى گۈلمىرە كۈلۈپ تۇرۇپ.

   تەلئەت ئەخەتنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى خاتىرىلەنگەن قېلىن خاتىرە دەپتىرى بار، گۈلمىرە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹كەنتتە تۇرۇش خىزمەت خاتىرىسىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى دادام يازدى، كېيىنكى قىسمىنى ئاتا – بالا ئىككىيلەن ئورتاق يېزىپ چىقىدىغان بولدۇق. مەن دادام بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيمەن››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ