تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شېرىن قوغۇنلار دېھقانلارنى خۇش قىلدى

يەكەن ناھىيە خاڭدى بازىرى بوۋاقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 5 -ئاينىڭ 10-كۈنى دېھقانلارغا قوغۇن باشقۇرۇش تېخنىكىسى ئۆگەتمەكتە.
    شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يەكەن ناھىيە خاڭدى بازىرى بوۋاقۇم كەنتىدە بەشىنچى ئايدىن باشلاپلا قوغۇننىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالىدۇ.
    يەتمىش ياشقا يېقىنلاپ قالغان كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئىمىر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوغۇن تېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۈنلەردە پات-پات پارنىكقا كىرىپ، قوغۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى.
   5-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇرسۇن قوغۇنلىرىنىڭ تورلىشىپ، مەي باغلاپ پىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتى. ئۆيىگە زىيارەتكە كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنى كۆرۈپ خۇشلۇقىدىن «سىلەر ئۆيۈمگىچە كېلىپ تېخنىكا ئۆگەتكىنىڭلار ئۈچۈن قوغۇنلىرىم بارغانسېرى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ» دېدى.
    تۇرسۇننىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بوۋاقۇم كەنتى قوغۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇرۇنقى قوغۇن ئۆستۈرۈش دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، قوغۇنچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ، قوغۇن تېرىش، باشقۇرۇش، سېتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
    خاڭدى بازىرىنىڭ قوغۇن تېرىش تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان قوغۇنلار ئەتلىك، تاتلىق. ئىلگىرى، كەنتتە قوغۇن ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ بازار رىقابەت ئېڭى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، كەنتتە قوغۇن تېرىش كۆلىمىنىڭ زورىيىشىدەك ئەمەلىي ئەھۋال ئالدىدا ھەمكارلىق كوپىراتىپ ئامالسىز قالغانىدى.
    قوغۇن تېرىشتا سېتىش يولى كەڭ بولماسلىق، كۆپ تېرىش بىلەن بىرگە كىرىمنى ئاشۇرالماسلىق مەسلىلىرىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بوۋاقۇم كەنتىدىكى دېھقانلار بۇلتۇر يىل بېشىدا داۋاملىق قوغۇن تېرىش ياكى تېرىماسلىق ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېتىپ كەلدى.
   ـــ بوۋاقۇم كەنتىنىڭ شارائىتى قوغۇن تېرىشقا ماس كېلىدۇ، بىراق ئالاھىدىلىكى تەلتۆكۈس جارى قىلىنماپتۇ. بىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دېھقانلارنى بۇ ئالاھىدە تېرىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردۇق،- دېدى بوۋاقۇم كەنتى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېڭ جيەنجۈن.
    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى دەل قوغۇنچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋاقۇم كەنتىدە «قوغۇنچى دېھقانلارغا ئىشىنىش، تەرەققىياتتا قوغۇنچى دېھقانلارغا تايىنىش، قوغۇنچى دېھقانلار پايدىدىن تەڭ بەھرلىنىش» پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولدى.
    شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى يۈزدىن ئارتۇق دېھقان قوغۇنچىلىق جەمئىيىتىگە قاتناشتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى قوغۇنچىلىققا دائىر مەسىلىلەرگە قارىتا «رىتسېپ» تۈزدى. مەسىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن ئۆستۈرۈش تەتقىقات مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، دېھقانلارنىڭ چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، قوغۇن تېرىش ئۇستىلىرىنىڭ تەجرىبە، ماھارەتلىرىنى ئاڭلاش قاتارلىقلارغا تەشكىللىدى.
    «ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغۇن ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار كۆپ، يەنى قوغۇن سورتىنى ياخشى تاللىشىمىز، قۇر ئارىلىقى، تۈپ ئارىلىقىنى سورتقا قاراپ قويۇشىمىز، مايسا كەم بولۇپ قالسا، بىراق، مايسا تولۇقلىغىلى بولمىسا، يۇقىرى يان پېلەك بىلەن بوش يەرنى تولدۇرۇشىمىز؛ قوغۇنلارنى كۆپ ئۆرۈۋەتمەي، ئىككى-ئۈچ قېتىملا ئۆرۈپ قويۇشىمىز؛ يەنە تېمىتىپ سۇغۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم» قوغۇن ئۆستۈرۈش  مۇتەخەسسىسلىرى تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا دېھقانلارغا ئۆگىتىپ قويدى.
   چېڭ جيەنجۈن قوغۇنچى دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۇلرنىڭ پۈتۈن زېھنىنى قوغۇنچىلىققا قارىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە  قوغۇنچىلىق جەمئىيىتىدىكى غوللۇق ئەزالار بىلەن قوغۇن سېتىش يولى ھەققىدە ئىزدەندى، ئۇلار قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چوڭ مېۋە سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، يەكەن ناھىيەسى، خاڭدى بازىرىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن مۇۋاپىق جاي تېپىپ، ئەزالارنىڭ شەھەرگە كىرىپ قوغۇنلىرىنى سېتىشغا قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قوغۇننىڭ ئورالمىلىرىنى ياخشىلاپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ