6-ئاينىڭ 19-كۈنى، باشقۇرغۇچىلار كۆكتاتلارنى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. جيەندې شەھىرى داياڭ بازىرىدىكى شىڭكۇڭ لۈگۇ بازىرىدا باشقۇرغۇچىلار 6-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۈزدى. بۇ بازاردىكى 3500 كىۋادرات مېتىرلىق پارنىكتا تېخنىك خادىملار تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرگەن مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەر ئىنتايىن «تەبىئىي»، ئۇلار بۇلارنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدا خىمىيەۋى بىرىكمىلىك دېھقانچىلىق دورىسى، قۇرۇت يوقىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمىگەن. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىق ۋە ساياھەت بىرىكتۈرۈلگەن كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە ئۈزۈش ساياھىتى شەكىللەنگەن، مەھسۇلاتلار بولسا ئىستېمال بازىرىدىكى كىشىلەر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مالغا ئايلانغان.
(جېجېياڭ تورى، نىڭ ۋېنۋۇ، يەن تىڭ فوتوسى)