تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئوۋچى كەنتىدە ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› تېرىقچىلىقى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭبو خەۋىرى، فوتوسى

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى ئوۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قومۇل قوغۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ئەركىن ياسىننىڭ ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› تېرىقچىلىقى ئۈلگە بازىسىدا 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹تىرىشچانلىق بەختلىك بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ›› تېمىسىدىكى ‹‹تاۋۇز شاھى›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. كەنتتىكى ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› تېرىغان 86 ئائىلە ئۆزلىرى ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن تاۋۇزلارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى، مۇسابىقە كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بولۇپ، مۇسابىقە مەيدانى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئاخىرىدا ئېغىرلىقى 11.53 كىلوگىرام كېلىدىغان تاۋۇز چېمپىيون بولدى.

   ئوۋچى كەنتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹تاۋۇز شاھى›› شەرىپىگە ئېرىشكەن قۇربان ياقۇپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەنتىمىزگە ‹‹تاۋۇز دوكتورى›› ئەۋەتكىنىگە رەھمەت، ئۇنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بەك ياخشى ئىكەن!

   بۇ قېتىملىق ‹‹تاۋۇز شاھى›› مۇسابىقىسى يېقىن ئەتراپتىكى يەتتە قوغۇن – تاۋۇز سودىگىرىنى سودا توغرىسىدا كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى. تاۋۇز تېرىغان دېھقان ئابدۇخالىق ئامان مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن 3120 يۈەنلىك ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› ساتتىم، يەنە 20 كۈندىن كېيىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تاۋۇزلىرىمنى ساتسام، يەنە 5000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە بېيىش يولى تېپىپ بەرگىنىگە رەھمەت. مەن بۇ يىل تاۋۇزنى بەك ئاز تېرىپتىمەن، كېلەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ئوۋچى كەنتىنىڭ كىشى بېشى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.7 مو بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى چەكلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىدىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلغان، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتنى بالدۇر بازارغا سېلىپ كىرىمنى ئاشۇرغان. بۇ يىل كەنتتىكى 86 كەنت ئاھالىسى تېرىغان 202 مو ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› ئېھتىياجنى قاندۇرالماپتۇ، تاۋۇز تېرىغان دېھقانلار چىن كۆڭلىدىن شادلىنىپتۇ.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى ئوۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن پىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تاۋۇز شاھى›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوۋچى كەنتىنىڭ قوغۇن – تاۋۇزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتۇق ۋە نامىنى يەنىمۇ چىقاردۇق، دېھقانلار ۋە سودىگەرلەرگە سودا سۇپىسى ھازىرلاپ بەردۇق، ئاخىرىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ‹‹قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز›› تېرىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، قوغۇن – تاۋۇز كەسپىنى زورايتىپ، بىر كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ