تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بېكېن توختابېك

   مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان قازاق كادىر. مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدۇم. بۇلار پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى، تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى قىلمىش. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاندەك ھالغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە زەربىدار، ئۈلگە بولىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن چەك – چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز قېزىپ چىقىمەن، پاكىز تازىلايمەن، پاكىز يوقىتىمەن.

   مەن غايە – ئېتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە يەنە بىر خىل بولىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىدىغانلاردىن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە يەنە بىر خىل بولىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولمايمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم بىلەن كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىز ھەر مىللەت خەلققە نىسبەتەن ھاۋا بىلەن سۇدەك كەم بولسا بولمايدۇ. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق  ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق  ئاپەت. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى، بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئەتىسى بولمايدۇ. مىللەت، دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ