تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان شەرەپلىك بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئادا قىلىمەن

ماناس ناھىيەسى چىندىخوزا يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى ئېربولات مەنتەي

   مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ئائىلىمىزدە تۆت جان بار، مەن، ئايالىم ۋە پەرزەنتلىرىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايمىز. مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى: بىز باشتىن – ئاخىر ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

   مەن تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيەگە شۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەنكى: كوممۇنىزم مېنىڭ بىردىنبىر غايە – ئېتىقادىم. مەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىمنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەقىقىي سادىق ئېتىقادچىسى ھەم قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن. مەن ئۆزۈمدىن، ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مەن چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

   بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بۇ ئاللىبۇرۇنلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان. بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يارىتىپ بەرگەن. دەرەخ جىم تۇرىمەن دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايۋاتىدۇ. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن  ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسىتى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ. بىز ھەر مىللەت خەلق چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشىمىز، دۈشمەن ئىتتىپاقلىقىمىزغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، بىز شۇنچە ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك! شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم زوراۋان  – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرالايمىز، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلنى چوقۇم مۇستەھكەملىيەلەيمىز.

   مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان خىزمەتچى بولىمەن.

   پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان قازاق يېزا – بازار رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاكتىپ رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىمەن. ھازىر دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كەڭ دېھقان – چارۋىچىلار بىلىۋاتىدۇ، ھېس قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، يېزىلاردا ئېغىر كېسەللەرنى پاناھلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چوڭ ياشتىكىلەر تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى، سورتلۇق ئۇرۇق تولۇقلىمىسى، نامرات ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئىچكىرى جايلاردا شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىقىمنى تەقدىم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن! مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر كوممۇنىزم ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ