تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئاچتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى بىرقاتار تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش تەلىپىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئېغىر نامرات ئاھالىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشىنى پايدىلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بەنزە ئەزالىرىنىڭ نامرات ناھىيەلەر بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈرئىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئورگاننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ ‹‹1–شۇجى››لىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا يەنە دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن–ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ