تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش ـ ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

   مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 6–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۆلەش–ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى،

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يوليورۇق، تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 16 مەخسۇس گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يۇقىرى قاتلامدىن بېرىلگەن، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئۇنىڭدا باش شۇجىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئىشەنچى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە پەزىلىتى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان، خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناپ پەزىلەت، قەلبىگە ۋەتەننى، خەلقنى پۈكۈشتەك خەلقچىللىق ھېسسىيات تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى قوللانمىغا ئىگە قىلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىشنى  ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نىشان – ئۆلچىمىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈجۈپىلىك تەدبىرىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، جەزمەن ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىلدە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممەيلەننى تەربىيەلەشكە، ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۈرلەرنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى ياخشى تاللاش، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تەرتىپنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغىنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلىشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇش، نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلارنى ھەمكارلىشىپ يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قوللايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش؛ نامراتلارنى مەنىۋى جەھەتتىن يۆلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلارنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ