تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 6–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى مۇھىم تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى خەن جېڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ياخشى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
                                                    
   بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئىككىنچى، سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ھەق تاپشۇرۇش سىياسىتى، تەمىنات سىياسىتى، فوندنى ئىشلىتىش، فوند خامچوتى ۋە بېجىرىش، باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىرتۇتاش كىرىم قىلىش، بىرتۇتاش چىقىم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كەم قالغان قىسمىدا مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، فوندنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. فوند خامچوتىنى تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كىرىم–چىقىم مەزمۇنى، ئۆلچەم ۋە دائىرىسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تەستىقلانغان خامچوت ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىش، فوند خامچوتىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە چەكلىمىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقنى تولۇق ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ چىقىمنى توسۇش كېرەك.

   تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى››نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۈتۈنۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ