تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

قان ھۈجەيرىسى مېڭە ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرەلەيدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

  ئادەم بەدىنىدىكى قان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى بىلەن چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرە بولۇپ، شەكلى ۋە ئىقتىدارىدا غايەت زور پەرق مەۋجۇت. ھالبۇكى، «ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قان ھۈجەيرىسى مېڭە ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرەلەيدىكەن.

  ئامېرىكا ستانفورد داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى پاتولوگىيە شىسىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور مارسى ۋوگىگ بىلەن ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى T ھۈجەيرىنى تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغان. T ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاق قان ھۈجەيرىسىدۇر. تۆت خىل ئاقسىلنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، «ئۆزگەرتىش-پارچىلاش تېخنىكىسى» ئارقىلىق،T ھۈجەيرە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىمارنىڭ ئۆزىدىكى نېۋرونغا ئۆزگىرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  دوكتور مارسى ۋوگىگ مۇنداق دېدى: T ھۈجەيرىنى ئىقتىدارى نورمال بولغان نېۋرونغا ئايلاندۇرۇشقا بىر نەچچە كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ. T ھۈجەيرە شەكلى يۇمىلاق بولغان ئالاھىدە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە، ئەمما نېۋروننىڭ ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە قۇيرۇقى بار،T ھۈجەيرىنى نېۋرونغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ تۈردىكى قان ھۈجەيرىسىنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ۋە تەنھالىقنى خالاش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ نېۋرونىنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى زور بولۇپ، بۇنىڭدا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە، مۇمكىن بولغان ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  بىراق، يېڭى تەتقىقاتتا يەنە ئۆزگەرگەن نېۋرون ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشىدا زۆرۈر بولغان پىشقان ئۆسۈكچە تېگىشمىسى (نېۋرون ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق) نى شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭغا قارىتا دوكتور مارسى ۋوگىگ مۇنداق دېدى: كېيىنكى تەتقىقات نىشانىمىز بۇ خىل ھۈجەيرە ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھازىر تەتقىقاتچىلار تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ