تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ ياش ئۈچ سەييارە

ماتېرىيال سۈرەت

  «پەن-تېخنىكا گېزىتى» خەۋىرى: ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» يېقىندا مۇنداق خەۋەر بەرگەن، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ئالىملىرى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز يۇقىرى ھەسسىلىك تېلېسكوپ ئەۋەتكەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت ھەمدە يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، سامانيولى سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئۈچ تال بوۋاق سەييارىنى بايقىدۇق. بۇ «ئۈچ قېرىنداش» سەييارە قۇياشقا سەل يېقىن بولغان بىر ياش تۇرغۇن يۇلتۇز ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلار تارىختىن بۇيان ئادەملەر بايقىغان ئەڭ ياش سەييارىلەر ھېسابلىنىدۇ، بۇ ياش سەييارىلەر ئالىملارنىڭ سەييارىلەرنىڭ شەكىللىنىش سىرىنى يېشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئالىملار ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ «سەييارە ئوۋچىسى» ناملىق كېپلېر تېلېسكوپى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە قۇياش سىسىتېمىسى سىرتىدىكى نەچچە مىڭ سەييارىنى بايقىدى. كېپلېر تېلېسكوپى ئاساسلىقى «قۇياش يۈزىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى» ئارقىلىق سەييارىلەرنى بايقايدۇ. سەييارە ئايلىنىپ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇرغۇن يۇلتۇز چىقىرىدىغان بىر قىسىم نۇرنى توسۇۋېلىپ، تۇرغۇن يۇلتۇزنى قاراڭغۇ كۆرسىتىپ قويىدۇ، بۇ چاغدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يېڭى سەييارىلەرنى بايقاش بولسا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «قۇياش يۈزىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى» بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يېڭى بايقالغان بۇ تۈردىكى دەسلەپكى سەييارىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە ماقالىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى، موناش داشۆسىدىكى كرىستوفېر پىتېر مۇنداق دېدى: «گەرچە بىز قۇياش سىسىتېمىسىنىڭ سىرتىدىن نەچچە مىڭ سەييارىنى بايقىغان بولساقمۇ، ئەمما دەسلەپكى سەييارىلەرنى بايقاش يەنىلا ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا تۇرماقتا».

  بۇ يېڭى تەتقىقاتتا ئالىملار تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئەتراپىدىكى گاز دىسكىلىرىدىن چىققان قاينام ئارقىلىق سەييارىلەرنى بايقىغان، يەنى كاربون (Ⅱ) ئوكسىد ھەرىكىتى چىقارغان بىر خىل ئالاھىدە نۇرنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ ئارقىلىق گاز دىسكا ئىچىدىكى گاز جىسىمنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەگەر گاز دىسكا ئىچىدە سەييارە بولمىسا، ئۇنداقتا گاز جىسىم بىر خىل ئاددىي ھەم مۆلچەرلەشكە بولىدىغان ئەندىزىدە ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئەمما نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، گاز جىسىمنىڭ ھەرىكىتى بىنورمال بولغان، بۇ، ئۇ يەردە بەزى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قېتىملىق «قاينام ھادىسىسى»نى بايقاپ، ھەربىر ھادىسىنى ئوخشىمىغان سەييارە پەيدا قىلغان، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى بايقالغىنى ھازىرغىچە بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات بولۇپ، بۇ بىزگە قوشنا يۇلتۇزلار سىسىتېمىسىدا يېڭى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تەتقىقاتچىلار ئاتاكاما مىللىمېتىر دولقۇنلۇق / ئىككىلەمچى مىللىمېتىر دولقۇنلۇق قاتار تېلېسكوپى (ALMA) ئەۋەتكەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  يەنە بىر ماقالىنىڭ ئاپتورى، مىچىگان داشۆسىنىڭ ئاسترونومىيە ئالىمى رىچارد روئې مۇنداق دېدى: «بىز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىپتىدائىي سەييارە دىسكىسىدىكى گاز جىسىمنىڭ قىسمەن كىچىك شىكالىلىق ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلدۇق، بۇ خىل يېڭىچە ئۇسۇلدا سامانيولى سىستېمىسىدىكى بەزى ياش سەييارىلەر <ئەسلىي قىياپىتى> نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ