تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قورغاستا يېڭىدىن ئەمەلىيلەشكەن تۈر 55كە يەتتى

   مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئىجتىمائىي سېلىنما تۈرىدىن 73نى يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىيلەشكەن تۈر 55 بولۇپ، بۇ يەرگە ماكانلاشقان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىقتىسادى تۈرلەر ئىكەن.

   ئالدىنقى بەش ئايدا، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 73 تۈردە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، 53 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 3 مىليارد 716 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. 26 تۈردە ئىش باشلانغان، 11 تۈردە پات ئارىدا ئىش باشلىنىدىكەن. بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلاش بېكىتىلگەن تۈر 49 بولۇپ، 4 مىليارد 795 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن، ھازىرغىچە 856 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.29 ئاشقان.

   ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە يانداشما رايون بىلەن قورغاس كونا شەھەر رايونى، يېزا – مەيدان، جەنۇبىي سانائەت رايونىدىكى بەش فۇنكسىيەلىك رايوننى چۆرىدەپ، كەسىپ ئورنىنى بېكىتىپ، ھەر قايسى رايونلارغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كەسىپلەر ماس كەلگەن سودىگەر چاقىرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان.

   قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئەمەلىي ئىقتىسادنى باشقۇرۇش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ‹‹قورغاس شەھىرىنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يۆلەك بولۇش چارىسى››نى تۈزۈپ يولغا قويغان. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يەككە ئىگىلىكنىڭ كارخانىغا ئايلىنىشىنى، كارخانىلارنىڭ كۆلەملىشىشىنى، كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ بازارغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى پائال ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ باج چىقىمىنى ھەقىقىي ئازايتقان. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، 3 – تەرەپ مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى كىرگۈزۈپ كارخانىلارنىڭ شىركەت قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھالقىلىرىدا قولايلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ