تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى زىيانلىق جانلىقلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى، بۇ جايدىكى تاموژنا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ خىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

   ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، ئالاتاۋ تاموژنىسى 2888 تۈركۈمدە ھايۋانات – ئۆسۈملۈك ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 409 تۈركۈمدە لاياقەتسىز ھايۋانات – ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى بايقىلىپ، 80 تۈردىكى 5376 زىيانلىق جانلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.

   ئالاتاۋ تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى ھايۋانات – ئۆسۈملۈك، يېمەكلىك، توقۇلما بۇيۇملار تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەن مۇنداق دېدى: ئالاتاۋ پورتىدىن ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات – ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى بۇغداي، زاراڭزا، قۇرۇق ئۈزۈم، قوي يۇڭى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ھەر قانداق ھايۋانات – ئۆسۈملۈكنى، ھاشارات، ئوت – چۆپ قاتارلىقلارنىڭمۇ ھەممىسىنى تەكشۈرىمىز.

   ئالاتاۋ تاموژنىسى ھايۋانات – ئۆسۈملۈك، يېمەكلىك تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش – نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى خې يىنىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن ئىمپورت قىلىنغان گازىردا ئاپتاپپەرەس غولى قارىيىش كېسىلى بايقالدى، بۇ خىل زىيانلىق جانلىق ئاساسلىقى ئاپتاپپەرەسنىڭ غولى، گۈل بەرگىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاپتاپپەرەس ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىدۇ ياكى ھوسۇلنى بىراقلا يوق قىلىدۇ. بىز بۇنداق زىيانلىق جانلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ ماللارنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، توشۇشتا پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە مەشغۇلات قىلىپ، بەلگىلەنگەن جايدا بىر تەرەپ قىلدۇق، قالدۇقلارنىمۇ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق.

   دائىملىق تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىشتىن باشقا، ئالاتاۋ پورتى يەنە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدىكى ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋۋال كارانتىن قىلىش، ئارىلاشمىنى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىنى ياخشى قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم  يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ماللارنىڭ خەۋپ – خەتىرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى ۋە كارخانىنىڭ ئىناۋەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن، تالون تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ بېكىتىشنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ