تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا مۇسكۇلنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ

     30 ياشتىن ئاشقاندا بەدىنىمىزدىكى مۇسكۇللار چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئورگانىزمنىڭ قېرىشى ئەڭ بۇرۇن قان تومۇرلار قېتىشتىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭەك ماددىسى ئازىيىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاجىزلاپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇش ياشانغانلار ئورگانىزمنىڭ ‹‹كۈچلۈكتىن ئاجىزلاشقا يۈزلىنىش››ىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

    مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ يەنىلا ھەرىكەت، ئۇنىڭدىن قالسا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشتۇر. يېتەرلىك ئېنېرگىيە، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش ئاساسىدا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش بەك مۇھىم. ياشانغانلارنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى 1.2 گىرام ئاقسىل قوبۇل قىلسا، بەدەننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.


            راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى