شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكەكۈچ قوشىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا بېرىپ – كېلىپ قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ‹‹بوئېئېڭ 777›› بەلگىلىك كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن ئۈچنى قوشىدۇ، شۇ چاغدا بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يولۇچى سىغىمىدا يېڭىدىن 387 ئورۇن كۆپىيىدۇ.
بۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىدە ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان تىپىنى يېڭىلاش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە ساياھىتىنىڭ تېز ئېشىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە ئالتە قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن. 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى قاتناش سانىنى ھەپتىدە بەش قېتىمغا كۆپەيتىدىكەن، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى-قەشقەر لىنىيەسىمۇ ھەپتىدە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشقا ئۆزگەرتىلگەن.
شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەھەتتە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ئاۋىياتسىيە بازارلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، ھازىرغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بېيجىڭ – قومۇل-شىخەنزە، بېيجىڭ-قومۇل-تۇرپان، بېيجىڭ-قاراماي-غۇلجا، تيەنجىن-ئۈرۈمچى-غۇلجا، چېڭدۇ-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچقان.
يېقىندا، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەنگە قاتنايدىغان لىنىيەلەردىكى ئېلان قىلىنغان بېلەت باھاسىنى ئەسلىدىكى 2780 يۈەندىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1970 يۈەن ۋە 2010 يۈەنگە تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى بازىرىدا باھانى تۆۋەنلەتكەن تۇنجى ئاۋىياتسىيە كارخانىسىغا ئايلانغان.