تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۈلكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
    تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالدىنقى يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قانۇن بويىچە دوكلات قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش بىلەن مەخسۇس دوكلات قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
    ئۇنىۋېرسال دوكلاتتا تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، مەخسۇس دوكلاتتا كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى(پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېردىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقى قاتارلىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ئايرىم – ئايرىم ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما ئۇنىۋېرسال دوكلات تاپشۇرىدۇ ھەم ئاغزاكى دوكلات قىلىدۇ؛ باشقا يىللاردا يازما ئۇنىۋېرسال دوكلات تاپشۇرۇش بىلەن بىللە، بىر مەخسۇس تۈر ئەھۋالىنى ئاغزاكى دوكلات قىلىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقىشنى يىللىق نازارەت قىلىش خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قاراپ چىقىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەشكىللەپ، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىشنى يولغا قويىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لۈ ۋېنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر ۋە مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، دۆلەت مۈلكىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلغان بىر پارچە ‹‹ئېنىق ھېسابات››نى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ