تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىم نېفىتلىكى نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى

  نېفىت،تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، رايون كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇڭ تەيبىن 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ جەنۇبىي بۈگۈر يېنىك گىدروكاربون زاۋۇتىنىڭ ئىككى يېنىك گىدروكاربوننى چوڭقۇر يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسىنى بىرىكتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشىمىز نورمال بولۇۋاتىدۇ، يەككە بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 15 مىليون كۇب مېتىر/كۈن بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىمىز ئاساسلىقى مايتاغ، لەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، شىركىتىمىزنىڭ پايدىسى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

  ھازىر دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يېنىك گىدروكاربوننى يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسى ــــ تارىم نېفىتلىكى گازنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئاجرىتىپ چىقىرىش، يېنىك گىدروكاربوننى چوڭقۇر يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ قۇرۇلۇشنى تارىم نېفىتلىكى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى %90 ۋە %10لىك نىسبەت بويىچە ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ قۇردى ھەم بۇ تۈرگە تايىنىپ شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى.

  دۇڭ تەيبىن مۇنداق دېدى: بۇ تۈرگە 1 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، لايىھەلەنگەن تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى يىلدا 10 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، يىلدا 381 مىڭ 900 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى، 71 مىڭ 100 توننا مۇقىم يېنىك گىدروكاربون ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ، تەبىئىي گازنىڭ ئاشۇرما قىممىتىنى ئون ھەسسە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ. بۇ تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن قۇرۇلۇش پۈتكىچە 13 ئاي سەرپ قىلىنىپ، شۇ يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىپ سېتىش، شۇ يىلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 90 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىركىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايون ۋە گۇرۇھ شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت، سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ بايلىقى ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق ئەۋزەللىكىنى رايون ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىك ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا دوستانە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مۇناسىۋەتنى پائال بەرپا قىلىپ، بايلىق چىقىدىغان جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشتى.

  ھازىر كورلا شەھىرى تەبىئىي گاز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەبىئىي گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى، پاختا توقۇمىچىلىقى، خىمىيەلىك تالا، نېفىت ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹باسف››، ‹‹ماركور››، ‹‹خېبېي چېڭشىن›› قاتارلىق 670 داڭلىق كارخانىنى توپلىدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى مول نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىغا تايىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 5 مىليون توننا نېفىت پىششىقلاش، 1 مىليون 700 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نېفىت خىمىيە كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولدى.

  تارىم نېفىتلىكى ئېتاننى يىغىۋېلىش تۈرى ئىمكانىيەتلىك تەتقىقات خىزمىتى ۋە 600 مىڭ توننا / يىل ئېتان ئارقىلىق ئېتىلېن ياساش تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېتىلېننى باشلامچى ۋە يېتەكچى قىلغان كەسىپ توپى شەكىللىنىدۇ ھەم بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كىيىم – كېچەك كەسپى، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى قاتارلىق باشقا كەسىپلىرى بىلەن ماس تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ