تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىر قاتار زور ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، بىر قاتار پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەيدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىنى ياراتتى.

   ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەممە بىر مەقسەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەقىقىي غەلىبە قىلىشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، شەھەر–ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ 1–قول رەھبەرلىرى ئۆزى تۇتۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بوشاپ قالماي، توختاپ قالماي، ھۇرۇنلۇق قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماي، قارىسىغا ئىش قىلماي، پاسسىپلىق بىلەن ئىشنى ئاقساتماي، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، چەكنى يۇقىرىلاتماي، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، 2020–يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نىشانلىق داۋالاپ، تىرەك، كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەڭ كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك. كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى، كۆپ خىل تەدبىر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە بىر–بىرىگە تىرەك بولىدىغان ‹‹تۆت بىر گەۋدە قىلىنغان›› نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ۋەزىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىيانەتچىلىك قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن–ئىنتىزام بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى بىلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان، ئىستىلى دۇرۇس بولغان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

   يىغىندا يەنە دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش جاۋ كېجىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ