ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى لوقمان خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹سەمەت ئاكا، بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، ھازىرلا بىكار بولىمەن...›› چېچىنى ئۆزىگە يارىشىملىق قىلىپ ياسىتىۋالغان ئامانگۈل راخمان يېقىندىلا تىجارەت باشلانغان ساتىراشخانىسىدا چاچ ياسىغاچ، خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
بۇ يىل، شايار ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە گۈلباغ بازىرىنىڭ ئوتتۇرا كۆلداشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا كەنتتە ساتىراشخانا بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چاچ ياسىتىش ئۈچۈن يىراققا بارىدىغانلىقىنى، كەنتتىكى ئامانگۈل راخماننىڭ ساتىراشلىقتىن خەۋىرى بارلىقىنى، ھازىر ناھىيە بازىرىدىكى بىر ساتىراشخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئامانگۈل راخماننى كەنتكە كېلىپ، ساتىراشخانا ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. ئامانگۈل راخمانمۇ يۇرتداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت كومىتېتى بىلەن كېڭىشىپ، كەنت كومىتېتى يېنىدىكى 25 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكاننى ھەل قىلىپ بەردى.
خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئامانگۈل راخمان دۇكاننى چىرايلىق بېزەپ، 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تىجارەت باشلىدى. ئامانگۈل راخمان مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ سەمىمىيىتى مېنى تەسىرلەندۈردى، كەنتتە ساتىراشخانا ئېچىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، ئاتا – ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن باشقا، يەنە يۇرتداشلىرىم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
ساتىراشخانىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاھىر مويدىن مۇنداق دېدى: پۇقرالار ھەل قىلالمىغان كىچىك ئىشمۇ، بىز ئۈچۈن چوڭ ئىش. بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىغا كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.