شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى خەۋىرى. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش›› ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن شىنجاڭدىكى 1063 كارخانا 1001 نامرات كەنتكە ياردەم بېرىپ، ھەر خىل يۆلەش تۈرىگە سالغان مەبلىغى 650 مىليون يۈەنگە، ياردەمگە ئېرىشكەنلەر 178 مىڭ 700 كىشىگە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 2016 – يىلىدىن باشلاپ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار قاتناشقان ‹‹1000 كارخانا 1000 كەنتكە ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى جايلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا يېتەكلەپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئورتاق قۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ خەيدا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ چامېي مۇنداق دېدى: ‹‹شىركەت + ئىشلەپچىقىرىش بازىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نىيە ناھىيەسىدە شىنجاڭ كوئېنلۇن نىيە ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردۇق. بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدىكى 5700 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە %80 تىن ئاشتى. قۇرۇلۇش تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار 12 مىڭ كىشىگە يېتىپ، كەلگۈسىدە مەركەزلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، بازار ماركىتېڭى، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە كارخانىچىلارنى مەبلەغ، تېخنىكىسىنى نامرات رايوننىڭ خاس كەسىپ، ئەمگەكچى بايلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن ئىشچى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. نامرات كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ‹‹كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
بۇلتۇر شىنجاڭدىكى 25 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى 129 پۇقراۋى كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات رايونلاردىن 2623 ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا قوبۇل قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە 64 كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2000 دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.