تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈن چۈنشى: ھەقىقىي تىرىشقاندىلا، بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ چيۇلى

   6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ جۇكىن كەنتىدىكى باقمىچىلىق مەيدانىدا سۈن چۈنشى قوتانلارنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن باشلاپ بىز بەش قېرىنداش دادىمىزغا ياردەملىشىپ كالا بېقىپ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدۇق، كالىلارنى بىر قاراپلا توغرا پەرقلەندۈرەلەيمىز.

   سۈن چۈنشى مۇنداق دېدى: كالىلىرىمنى سەمرىتىدىغان خۇرۇج قوشۇلمىغان ساپ يەم – خەشەك بىلەن باقىمەن، كالىلىرىم ساغلام، گۆشى سۈپەتلىك.

   سۈن چۈنشى 2004 – يىلىدىن باشلاپ كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كالا بورداقچىلىقىدا كالىنى توغرا تاللاش ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن، موزاي ساغلام بولسا، ئاندىن سەمرىتكىلى بولىدىكەن. سۈن چۈنشىنىڭ بورداۋاتقان كالىلىرى ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئۇ بۇ ھالغا كەلگىچە كالا تاللاش، بورداش جەھەتتە نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. 2006 – يىلى، سۈن چۈنشى كالا باقمىچىلىقىغا قارىغاندا كالا بورداقچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 6000 يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئونغا يېقىن كالا سېتىۋېلىپ، بوردىماقچى بولغان. لېكىن بىر مەزگىل باققاندىن كېيىن، بۇ كالىلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كېسەل بارلىقىنى، ئۇلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، زىياننى پەقەت ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان. سۈن چۈنشى بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغاندىن كېيىن، تولىمۇ ئېھتىياتچان بولغان.

   سۈن چۈنشى سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن. كالا بېقىش تەجرىبىسىنى ياخشى ئىگىلىگەن سۈن چۈنشى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مەدىتىدە، تەدرىجىي ھالدا كەنتتىكى بېيىش ئۈلگىسى ۋە باشلامچىغا ئايلانغان.

   2013– يىلى، سۈن چۈنشى كەنتتىكى ئالتە دېھقان بىلەن بىرلىشىپ سۈن چۈنشى كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغان. دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىرىك چارۋا ماللارنى سېتىش يوللىرى راۋان بولمىغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىر نەچچىسى مەبلىغىنى ئارقا – ئارقىدىن قايتۇرۇۋالغان، سۈن چۈنشى بۇنىڭدىن قىلچە ئىككىلەنمىگەن، ئىككى يىللىق قىيىنچىلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كوپىراتىپنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي ياخشىلانغان.

   بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ۋە كالا گۆشى باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سۈن چۈنشىنىڭ بوردىغان كالىلىرى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: 160 كىلوگىرام كېلىدىغان گۆش كالىسىنى بۇلتۇر 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە ساتاتتۇق، بۇ يىل 9000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ساتالايمىز.

    ـــ باقمىچىلىق مەيدانىمىز دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى، 300 كالىنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، كېيىنكى غەم – ئەندىشىدىن بىراقلا خالاس بولدۇق، ــ دېدى سۈن چۈنشى. 2017 – يىلى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەن ھەم كالىلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان، مۇشۇنداق ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كاتتا سوۋغا›› بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى راۋانلىشىپ، ھازىرقىدەك بەختىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.

   ھازىر باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلاندى، سۈن چۈنشى يېزىدا ‹‹چۈنشى قوي – كالا گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى›› ئېچىپ، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى›› شەكلى ئارقىلىق باقمىچىلىقتا ئۈنۈم يۇقىرى بولۇشتىن سۈپەت يۇقىرى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

   سۈن چۈنشى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى خې گوسەي مۇنداق دېدى: سۈن چۈنشى جاپاغا چىدايدۇ، ھەرقانداق ئىش قولىدىن كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشتە كۆپ تەدبىرلىك. ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.

   يەم – خەشەك تەييارلاۋاتقان سۈن چۈنشى مۇنداق دېدى: ھازىر 300 دىن ئارتۇق كالا بېقىۋاتىمەن، ئىككى – ئۈچ يىل ئىچىدە كالىلىرىمنى 3000 غا يەتكۈزۈش ئويۇم بار. ئىشنى پۇختا قىلساقلا، ھامان پايدا ئالالايدىكەنمىز. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مەدىتىدە، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ كالا بېقىپ، ياخشى بېقىپ، باقمىچىلىق مەيدانىمنى ياخشى باشقۇرىمەن.

   سۈن چۈنشى كالا بورداقچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن. ئۇ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر يۈرۈش ئاپتوماتىك يەم – خەشەك بېرىش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈشنى پىلانلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زامانىۋى قوتان سېلىپ، باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرمەكچى بوپتۇ.    
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ