تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ قول تۇتۇشۇپ قەلبداش بولۇپ، قەشقەردە بومباكس گۈلىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى

ــــ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە 9–تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خىزمەت خاتىرىسى
مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

 گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قىس بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا قارىتا، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. سۈرەتتە: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇ شياڭدەن(ئوڭدىن 2 – كىشى) قولمۇقول ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى (1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تارتىلغان). 

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى

   6 – ئاينىڭ بېشىدىكى قەشقەر ياپيېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قەشقەردىكى خىزمەت بىناسىغا يېزىلغان ‹‹گۇاڭدۇڭ – شىنجاڭ بىناسى›› دېگەن چوڭ خەت كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، بىنا ئالدىدىكى ياپيېشىل چىملىق، گۈللۈكلەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

   بىرى ‹‹بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان›› جۇغراپىيەلىك ئۆتەڭ، بىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى جاي بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىككى جاينىڭ رىشتىنى چىڭىتتى. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش، كەسىپلەردىكى ئۆزگىرىش، شەھەر – يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەر گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭ بىلەن قەلبداش بولۇشى، دوستلىشىشى، ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتىغا گۇۋاھچى بولدى.

   كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، كىرىمنى كۆپەيتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىلدى

   6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا ــــ ‹‹يىجىنچېڭ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ماشىنا –  ئۈسكۈنىلەرنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەشتە ماشىنىسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تۇنساگۈل مەمەت كەشتە ماشىنىسىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، كەشتە ماشىنىسىغا يېزىلغان دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدىكى ‹‹ماشىنامنى سۆيىمەن›› دېگەن خەت كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

   ئەگەر 30 ياشلىق تۇنساگۈل مەمەت زاۋۇتتا ئىشلىمىگەن بولسا، ئۆيىدە قازان بېشىنى چۆرگىلەپ يۈرگەن، بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ يەر تېرىپ قىلغان كىرىمىغىلا تايىنىپ قالغان بولاتتى.

   تۇنساگۈل مەمەت: ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىۋالماقچى بولسام، 20 يۈەننىمۇ ئېرىمدىن سورايتتىم، ھازىر مېنىڭ دېگىنىم ھېساب بولىدىغان بولدى، دېدى. بۇ ‹‹غەيرەت›› ئۇنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ ئايدا ئالىدىغان 4000 يۈەن مائاشى ۋە يىغقان 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلىدىن كەلگەنىدى.

   تۇنساگۈل مەمەتكە ئوخشاش، ‹‹يىجىنچېڭ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدىكى 376 ئىشچى – خىزمەتچى رەتلىك فورما كىيىپ، دېھقان – چارۋىچىلاردىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، بىر جۈپ چېۋەر قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى.

   6– ئاينىڭ 5 – كۈنى سائەت 14 تە، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى شىنجاڭ ‹‹يۈفېڭلىڭ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹ھەمراھ زاۋۇتى››دىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ، خۇشال – خۇرام ھالدا پىيادە ياكى توكسىكلىت بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىۋاتاتتى.

   ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› توغرىسىدا گەپ بولغاندا، تۇنساگۈل غوپۇر ۋە بىرقانچە ئىشچى – خىزمەتچى بەس – بەستە: ‹‹زاۋۇتنىڭ يېنىدىلا يەسلى بار، ئىككى بالامنى يەسلىگە ئاپىرىۋېتىپ ئىشقا بارىمەن››، ‹‹ئۆيۈم زاۋۇتقا يېقىن، ھېچقانداق ئىشىمغا دەخلى يەتمەيدۇ››... دېيىشتى.

   بۇ ئۆزگىرىشلەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى جاراڭلىق ۋەدىسىنىڭ نەتىجىسى.

   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې يۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى داۋامىدا 1 – كەسىپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ‹‹بىر كەنتكە بىر پىلان، بىر ئائىلىگە بىر چارە، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر›› بولۇشتەك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىرىكمە شەكىلدىكى ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 2017 – يىلى ‹‹ئىككى ناھىيە، بىر شى››دىكى ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان 12 مىڭ 400 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن.

   2017 – يىلىدىن بۇيان، ‹‹دۇڭچۈنشىڭ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، ‹‹يىجىنچېڭ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى ۋە ‹‹شىڭيې›› ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىدىن 97 سى كىرگۈزۈلۈپ، 20 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى %94 نى ئىگىلىدى. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە ‹‹باش ئىشتاب + ھەمراھ زاۋۇت + دېھقانلار ئائىلىۋى سېخى» ئۈچ دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالە 3000 دىن ئاشتى.

   مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلدى

   ‹‹مەن جۇڭگولۇق، ۋەتىنىمنى سۆيىمەن...›› 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سائەت 20دە، پەيزاۋات ‹‹شىڭيې›› ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئائىلىسى››دە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى فوشەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى پەن يوۋگېنغا ئەگىشىپ خەنزۇچە خەتلەرنى جۈملىمۇجۈملە ئوقۇۋاتاتتى. 3 – ئايدىن بۇيان، بۇ بازىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت سانائەت ئىشچىسى ئارىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. تۈرلۈك باش تېما پائالىيەتلىرى، قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى بازىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دادىل سۆزلىشى، دادىل مەشىق قىلىشى، خەنزۇچىنى خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقماسلىقىغا تۈرتكە بولدى.

   2017– يىلىدىن باشلاپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە 6600 ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىنى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدا تەربىيەلىدى. كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ‹‹ماڭا ئۆگىتىش››تىن ‹‹مەن ئۆگىنىمەن››گە ئۆتۈشنى، ‹‹سۆزلەشنى خالىماسلىق››تىن ‹‹تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش››قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

   خانقىز داۋۇت كۈندە يارىشىملىق خىزمەت فورمىسى كىيىپ، چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئەتىگەن سائەت 9 بىلەن جۇشقۇن كەيپىياتتا پەيزاۋات ‹‹شىڭيې›› ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئىشقا بارىدۇ. خانقىز داۋۇت مۇنداق دېدى: ھازىر ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەنگە يېقىنلاشتى، بۇنىڭدىن باشقا لېكسىيە ئاڭلاش، VR كۆرۈش قاتارلىق يېڭىچە شەيئىلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز رەڭدار، مەنىلىك بولۇپ، كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇيمىز، بازا مەيدانىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز... خانقىز داۋۇت كۆپلىگەن ئىشچى – خىزمەتچىگە ئوخشاش، يېزىدىن بازىغا كېلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، روھىي ھالىتىنى ياخشىلىدى.

   ھازىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىغا  يېقىنلىشىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر كۆپەيدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سانائەت رايونى پارتىيە ئەزاسى ۋە كاندىدات پارتىيە ئەزاسىدىن 109 نى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپىدىن 164 نى تەرەققىي قىلدۇردى، يەنە 232 كىشى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

   ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، گۈزەل يۇرت – ماكان ئورتاق قۇرۇلدى

   6– ئاينىڭ 6 – كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 23 مۇتەخەسسىس شۇ جايدىكى 43 دوختۇر بىلەن ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھەزىم قىلىش كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مەمەت تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ‹‹بىرگە بىر ياردەم بېرىۋاتقان›› ئۇستازى ـــ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پىروفېسسورى لى سۇڭمىڭنى تىلغا ئالغاندا، ‹‹قول تۇتۇشۇش، قەلبداش بولۇش›› دەپ سۈپەتلىدى ھەم ‹‹ئېرىشكەنلىرىم ناھايىتى كۆپ››، ‹‹رەھمەت!›› دېدى.

   ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى›› بويىچە داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن بىۋاسىتە نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭجۇدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان مەمەت تۇرسۇن ئىلگىرىكى پەقەت دىياگنوز قويۇپ، داۋالاشنى ئاساس قىلىدىغان كىچىك ئوپېراتسىيە قىلىشتىن، ھازىر 3 –، 4 – دەرىجىلىك ئوپېراتسىيەنى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ چى مۇنداق دېدى: ‹‹ياردەمچى››دىن ‹‹باش ئوپېراتسىيە قىلغۇچى›› قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققۇچە، ئۇلارنى مۇستەقىل دىياگنوز قويۇپ، ئوپېراتسىيە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.

   ياز كەلدى، قەشقەر پات ئارىدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان پەسىلنى كۈتۈۋالىدۇ. قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەركىن نۇرمەمەت يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: قوغۇن پىشقاندا، چوقۇم گۇاڭجۇدىكى تۇغقانلىرىمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، ئەڭ چوڭ، ئەڭ تاتلىق قوغۇن بىلەن كۈتۈۋالىمەن.

   بۇ يىل 7 – ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئەركىن نۇرمەمەت قاغىلىق ناھىيەسىدىن بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا ــــ قەشقەر ‹‹ئوۋمېيشىڭ›› ئېنېرگىيە پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئېيىغا 2000 يۈەندىن مائاش ئېلىپ بىر يىل پىراكتىكا قىلدى. ئەركىن نۇرمەمەت مەكتەپ كارخانىسى ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ما ۋېنيۈەننىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئاساسەن رېمونت قىلالايمەن، ھازىر، مەن ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى. ما ۋېنيۈەن خۇددى ئۆز تۇغقىنىمغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ بەختلىك ياشايمەن.

   بۇ يىل قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ 800 ئوقۇغۇچىسى پىراكتىكا قىلىپ بولۇپ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

   ما ۋېنيۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزدە شۆيۈەنىمىز سەككىز ئاساسلىق كەسىپنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەر قاراردا 4000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى 50 نەچچە كارخانا خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئاساسەن غەم قىلمايدۇ.

   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى شەكلى، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشنىڭ يېڭى مەزمۇنى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كادىر ئىختىساسلىقلارنى ئۆزئارا ئەۋەتىش، گۇاڭدۇڭ – قەشقەر ياشلار، ئۆسمۈرلەر ‹‹قول تۇتۇشۇپ خەت يېزىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئەجدىھا – شىر ئۇسسۇلى پائالىيىتىنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كىرگۈزۈش، رەڭدار مىللىي مەدەنىيەتنى چىقىرىشنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئىلگىرى سۈردى.

   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مېھىر – مۇھەببەت يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، چىن قەلب، ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن رىشتە باغلاش كېرەك، شۇڭا چوقۇم چىن كۆڭلىمىز بىلەن قەشقەردىكى ئۇرۇق – تۇغقان، يۇرتداشلارغا سەمىمىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 74 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، 24 كەسپىي(تېخنىك ئىشچىلار) مەكتەپ ۋە ئالتە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ياردەم بېرىلىدىغان جاي بىلەن ‹‹بىرگە بىر››، ‹‹بىرگە كۆپ›› قاتارلىق چاتما ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.

   ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، %80 تىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامغا سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، سىجىل كۈچەپ، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ 2019 – يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز. گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى رايوندىكى بازارلارنى قوشماقلاشتۇرۇپ يۆلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ – شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ سۇپا قۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ