تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

   مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
                                                         
   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى، نىشان ئۆلچىمى ۋە خىزمەتتىكى كۈچەش نۇقتىسى تەكىتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، نىشان – ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلىشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي ئورۇندايدىغان زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇملۇق قارىشى ۋە ئومۇملۇق ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ