شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرىدا ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرگەندىن سىرت، ئاھالىلەر كىملىكىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ 21 تور نۇقتىسىغا بېرىپ شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق بانكىسى سىستېمىسى 2016-يىلىدا ئۈرۈمچىدە سودا بانكىلىرىدا ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىپ نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، نوپۇسنىڭ جايلىشىش زىچلىقى، شۇنداقلا بانكىلارنىڭ تىجارەت نۇقتىلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق، قاتناش قولايلىق، مۇھىتى ياخشى، ئادەم كۆپ ھەم باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان سودا بانكىلىرىنىڭ تور نۇقتىلىرىدا شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى تەسىس قىلغان.
ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىبارەت يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى سودا بانكىسىنىڭ 21 تور نۇقتىسىدا شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بار.