تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ يەتتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

   ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ يەتتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يەتتە تىپىك دېلو مىسالى مۇنۇلار:

   1. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تۇپراق مۇھىتىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ پېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. جاڭ پېڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، 2016 – يىلى، 2017 – يىلى چاغان مەزگىلىدە تۆت نەپەر باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ پېڭدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر مەۋجۇت. 2018 – يىلى 2 – ئايدا جاڭ پېڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

   2. شىنجاڭ كۆمۈركان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياسىن تۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. ياسىن تۇر 2017 – يىلى 1 – ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئاپتوموبىل بىلەن ئۆمەك باشلاپ بېرىپ كاندا قۇتقۇزۇش كەسپىنى تەكشۈرگەن مەزگىلدە، ئىككى قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ شەخسىي ئىشىنى بېجىرگەن ھەم تەشكىل خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندىمۇ مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ياسىن تۇرغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   3. خوتەن ۋىلايەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە داشۆسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىدىيەۋى – سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما مېيخۇانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە پۇل تارقىتىش، نەۋرىسىنىڭ ‹‹100 كۈنلۈكىنى تەبرىكلەش زىياپىتى›› ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. ما مېيخۇا 2017 – يىلى 8 – ئايدا قۇربان ھېيتلىق ھال سوراش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپتىكى 86 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تاللا بازىرىنىڭ جەمئىي 54 مىڭ 800 يۈەن قىممىتىدىكى مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى تارقاتقان؛ 2017 – يىلى 11 – ئايدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نەۋرىسىنىڭ ‹‹100 كۈنلۈكىنى تەبرىكلەش زىياپىتى›› ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپتىكى 84 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ، جەمئىي 12 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان. 2018 – يىلى 3 – ئايدا ما مېيخۇاغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   4. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى بەشمەھەللە مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى شاۋۇدۇن باۋۇدۇننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. شاۋۇدۇن باۋۇدۇن 2017 – يىلى 7 – ئايدا 23 مەھەللە كادىرىنى تەشكىللەپ ئىككى تۈركۈمدە گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نەنسەن مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە بېرىپ، جەمئىي 3700 يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلەتكەن. 2018 – يىلى 3 – ئايدا شاۋۇدۇن باۋۇدۇنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   5. ساۋەن يول مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن ۋېينىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشخانا ئىشلىتىش مەسىلىسى. چېن ۋېي 2013 – يىلى 1 – ئايدىن 2018 – يىلى 2 – ئايغىچە ئۇزاق مۇددەت ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشخانا ئىشلىتىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان. 2018 – يىلى 5 – ئايدا چېن ۋېيگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.   

   6. سانجى شەھەرلىك ئۆي ئېلىش – باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىننىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. ۋاڭ شىن 2016 – يىلى 4 – ئايدىن 2017 – يىلى 12 – ئايغىچە كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بالىسىنى مەكتەپكە توشۇغان، شەخسىي ئىشلىرىنى بېجىرگەن؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنىڭ ماي قاچىلاش كارتىسىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىي 990 يۈەن پۇلىنى ئىشلەتكەن. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ۋاڭ شىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   7. بۈگۈر ناھىيەسى دىنار دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى پىلان – قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋمىڭنىڭ سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. جاڭ شياۋمىڭ 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە چاغان، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى بولغان لى XX، زۇ XXنىڭ مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان جەمئىي 9000 يۈەن پۇلىنى ئالغان. 2018 – يىلى 1 – ئايدا جاڭ شياۋمىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   يۇقىرىدىكى تىپىك مەسىلىلەردە ئەكس ئەتكەن ‹‹تۆت خاھىش›› ئىللەتلىرىنىڭ مەنبەسى شۇكى، قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلاردا ھەشەمەتچىلىك ۋە راھەتپەرەسلىك ئىدىيەسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھەتتا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، ئاگاھ بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە ھەقىقىي ئويلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››قا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ‹‹باشلامچى غاز ئۈنۈمى››نى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىستىل مەسىلىلىرى ۋە ئىمتىياز خاھىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

   ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. دېگەننى قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش تەپەككۇرى بىلەن ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشى جېڭىنى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، يەڭگىلتەكلىك، ئالدىراقسانلىق قىلماي، پۇختا، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇپ، يول قويماي، ھەقىقىي باشقۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۈنۈم يارىتىپ، ئىستىلنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.‹‹تاڭزۇڭزا چاغىنى›› ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىلىرىنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى تىرىشىپ بايقاپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىرتەرەپ قىلىپ، ھەرگىز يۈز – خاتىر قىلماي، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەيمىنىشى، ئاگاھ بولۇشى، تۆۋەن چەكنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، ‹‹قانچىكى كېچىكتۈرگەنسېرى، ئىنتىزام ئىجراسى شۇنچە قاتتىق بولۇش، بىرتەرەپ قىلىش شۇنچە ئېغىر بولۇش››تەك كۈچلۈك سىگنالنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىشى كېرەك. بايرام مەزگىلىدە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ